خىتاي سىياسىتى ۋە بىزنىڭ تەقدىرىمىز
ئابدۇرەھىم پاراچ
بىر ئەسىرگە يېقىىن ۋاقىتتىن بىرى ھۆكۈم سۈرىۋاتقان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ چىكىدىن ئاشقان زوراۋانلىق سىياسىتى، شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى قىلچىلىك باش ئەگدۈرەلمىگەن بولسىمۇ ئەمما ئۆز نۆۋىتىدە مەلۇم نەتىجىلەرگە ئىرىشكەن بولدى، بۇ نەتىجىلەر ختاي ئۈچۈن ھەرگىزمۇ ئىجابى نەتىجە بولماستىن بەلكى قەرەلسىز پارتىلاش مۈمكىنچىلىكى بولغان بومبا كەبى قاباھەت ۋە خەۋىپكە ئاساس بولغان نەتىجە دەپ قاراشقا بولىدۇ. شەرقى تۈركىستاندىكى قىرىق مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا خىتاينىڭ ھازىرغىچە يۈرگۈزۈپ كەلگەن رەھىمسىزلەرچە ۋەھشى سىياسىتى، بۇ خەلقكە ئۆز نۆۋىتىدە قانداق قىلىپ بۇ چىكىدىن ئاشقان زۇلۇمغا قارشى تۇرغىلى بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر لىنىيەگە ئاساس ھازىرلاپ بەردى. ئۇ بولسىمۇ ئۆزىدە بار بولغان بارلىق ئىمكانىيەتنى سەرىپ قىلىپ، چوڭ بولسۇن كىچىك بولسۇن داۋاملاشقۇچى بىر خىل قارشىلىق كۈچىنى پەيدا قىلىشتىن ئىبارەت مەۋجۇت رىئاللىقنىڭ تەقەززاسى بولغان تاللاش يولى ئىدى. بۇ تاللاش يولىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئاز بولمىغان بەدەللەرنى تۆلىگەن بولسىمۇ، ئەمما نەتىجىلىك بىرەر ھەرىكەت مەيدانغا چىقمىغىنى بىلەن 90- يىللاردىن كىيىن يىتىلگەن ئەۋلاتلارغا، تاجاۋۇزچىلار تەرىپىدىن كۆمىۋىتىشكە ئۇرىنىۋاتقان ھەقىقەتنىڭ ئەسلى نىگىزلىك ماھىيتىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇنى تونۇپ يەتكەن رەزىل دۈشمەن، شۇ يىللاردىن كىيىنكى ياشلار ۋە شۇ ياشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى دەپ قارالغان مۇسۇلمانلارغا چىكىدىن ئاشقان رەزىللىك بىلەن مۇئامىلە قىلغان بولسىمۇ، بۇلارنىڭ ئەسلى ماھىيتىنى ئەمەلى ھاياتىدا كۆرۈپ شاھىد بولۇپ يىتىلگەن بۇ ئەۋلادلار، بۇ مۇئامىلىلەرگە ئۆز نۆۋىتىدە ھاياتى بەدىلىگە جاۋاپ بەردى. بۇ جاۋاپلارنىڭ بەزىدە ئاكتىپ مەيدانغا چىقىپ بەزىدە جىمجىت سۈكۈت ئىچىدە رىئاللىقنى كۈزىتىشلىرىدىن، قىسقىسى مەيلى بۇ ھەركەتلەرنىڭ ئاكتىپ ياكى تۇرغۇنلۇق دەۋرى بولسۇن ھەرقانداق بىر ھالىتىدىن، شۇ قەدەر خەۋپ ۋە بىر دەھشەتنى ھىس قىلغان تاجاۋۇزچى دۈشمەن ئۇلارنىڭ تاتلىق ئۇخلاشلىرىنىمۇ ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر تەھدىت دەپ قارايدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. نەتىجىدە 2009- يىلدىكى ئۈرۈمچى قەتلىئامىدىن كىيىن ئائىلىلەر بىر-بىرىگە زەنجىرسىمان باغلىنىپ، ئون ئائىلىنى بىر گەۋدە قىلغان مەسئۇلىيەت ۋە جازا توختاملىرى ئەمىليلەشتى. ھەر كەنتتە بىردىن ساقچىخانا قۇرۇلۇپ جەميەتنىڭ ئەڭ داشقال ماڭقۇرتلىرى، نىرۋىسى ئاجىز لاڭقا، دەلدۈشلەرگە، دىنى تۈس ۋە ئىدىيەنىڭ مەيدانغا چىقماسلىق شەرتى بىلەن، ھايۋانى تەبئىتى ئۈچۈن خالىغىننى قىلىشىغا تاشلاپ بىرىلدى. تەشۋىقات نامى بىلەن ھەر ئۆيگە مەخپى ئورۇنلاشتۇرۇلغان تىڭشىغۇچلارنىڭ قۇدرىتى ئارقىلىق ساددا ئاۋامنى «ھۆكىمەت ھەممىنى بىلىپ، ئاڭلاپ تۇرىدۇ»غانلىدىن ئىبارەت رەزىل، پەسكەش قىلمىشلىرىنىڭ سەزگۈرلىكىگە ئىشەندۈرىۋەتتى. بۇ خىلدىكى تاسقاشلاردىنمۇ قانائەت ھاسىل قىلماي، مەيلى يېزا ياكى شەھەر بولسۇن ھەر مەھەللە كەنىت، چوڭ كوچا ئېغىزلىرىدا مەخسۇس تەكشۈرۈش پونكىتلرى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ كىملىك سالاھىيتىلا ئەمەس بەلكى ئاڭ-ئىدىيە، پىكىرىدىن تارىتىپ ھەتتا شۇ قەدەر مەسخىرىلىك مۇئامىلىلەرگە قانداق ئىنكاس بىلدۈرىغانلىقىدىن ئىبارەت مۇئامىلە سالاھىيەتلىرىگىچە ئېنىقلاپ چىقىلىپ قاتتىق زەربە بىرىلىدىغان ئوبىكىتلار بىكىتىلدى. ئەسلىدە ھەر ناھيىدە بىردىن بولۇش بىلەن كۇپايىلەنگەن تۈرمىلەر، يېزىلاردا مۇنتىزىم سىپىللىق شۆبە تۈرمىلەرگە ئىگە بولدى. دىمەك بۇ تۈرمىلەر 20مىڭدىن 50مىڭغىچە نوپۇسقا ئىگە بولغان يىزىدا مىڭدىن 5مىڭغىچە «بوينى قاتتىق، ئىدىيەسى قالاق كىشىلەرنى تەربىيلەيدىغان مەكتەپ» نامىدا نەچچە يۈز مو يەرگە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈردى. نەتىجىدە ھېچبىر ئۇچرىشىش مۈمكىنچىلىكى بولمىغان بۇ «بوينى قاتتىق، ئىدىيسى قالاق» كىشىلەر بۇ يەردىكى «تەربىيلىنىش» جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى چۈشەنگەندىن باشقا ئۆز-ئارا تەجرىبە ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ كەڭرى پۈرسەتلىرىگە ئىرىشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى «تېخىمۇ جاھىللىرى» ناھيە ياكى شەھەر ۋىلايەتلەردىكى «يۇقرى سەۋيەلىك» تۈرمىلەرگە يۆتكىلىپ، تېخىمۇ كەڭ ئۇچرىشىش ۋە تونۇشۇش نەتىجىسىدە ئۆز رىئاللىقىغا ھەقىقى توغرا رەۋىشتە دىئاگىنۇز قويۇشنى ئۈگەندى.
بۇ جەريانلارنىڭ تەكرارلىنىشى، ئاخىرقى ھىساپتا بۇ مەزلۇم مىللەتكە نىمە قىلىش كىرەكلىكىنى تونۇتتى. سىياسەتلەرنىڭ رەزىللىكى، زۇلۇم دائىرسىنىڭ چەكتىن ئېشىش خەلىقنى ئاخىرقى ھىساپتا دەۋرىيلىك غايەت بىر كۈچنىڭ مەۋجۇدلىقى ئۈچۈن يول ئاچتى. بۇ يول ئىنشەئەللاھ بۇ مىللەتنىڭ گۈزەل تەقدىرىنى ھۆرلۈك، مۇستەقىللىق، ۋە ئادالەت بەخىش ئىتىلگەن بىر ھاياتقا يىتەكلىگۈسى.
ئابدۇرەھىم پاراچ