خىتاي تاجاۋۇزچىلار سىياسىي -قانۇن خىزمىتىدە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىيىسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئىمزالىق خەت يازدۇردى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
تەڭرىتاغ تورىنىڭ 21-ئاپرىل تارقاتقان خەۋرىدە مەلۈم بولىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستان تەۋەسىدىكى 100يېقىن سياسىي -قانۇن ساھەسىدە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنى 20-ئاپرىل كۈنى بىر يەرگە توپلاپ، ئۇلارنى «بىز ئۇلۇغ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسى، بىزنىڭ ئورتاق سالاھىيىتىمىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى، جۇڭگونىڭ سىياسىي – قانۇن كادىر -ساقچىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى. بىز بۇ يەردە تەنتەنە بىلەن قەسەم بېرىمىزكى: ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە ئومۇميۈزلۈك جەڭ ئېلان قىلىمىز!».دەپ يۇقىرى ئاۋازدا قەسەم بەرگۈزگەن.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە«ئەسەبىي ئىدىيەلەرنى»نى تەكشۈرۈشنى باھانە قىلغان ھالدا ئۇيغۇرلارنى دەرىجىگە ئايرىپ جازالاشنى يولغا قويىۋاتقانلىقى، شەرقىي تۈركىستاندا قارشىلىق كۈچى بولغان دىننىي ساھەدىكى ئالىم، ئولىما، زىيالىلارنى تۇتقۇن قىلىپ بولغاندىن كېيىن نوۋەتتە ئۇيغۇر كادىرلارنى دەرىجىگە بۆلۈپ يوق قىلىش ھەركىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، نورمال خەلقىنى سولىغان،سوتلىغان ، سوراق قىلغانلارنىڭمۇ ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئۆزىنىڭ شۇ كۈنگە قالدىغاندەك رىياللىقىنى تونۇپ يىتىشى كېرەكلىكى ، خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى «دۇشمەن» دەپ قارا تىزىملىككە ئېلىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ بولغانلىقىنى، بىر باشتىن دەرىجىگە ئايرىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىۋاتقانلىقىدەك رىياللىقىنى تونۇپ يېتىشىنى ۋە ئۇنىڭغا قارشى مۇداپىيەگە ئۆتىشىنى ئەسكەرتىمىز.