ئىقبال
ـ ئىلگىردە تۇغ ،سانجاق…….دىگەندەك ئاتالغۇلاردا قوللىنىلغان بولۇپ، مەلۇم دۆلەت ، رايۇن، قەبىلە مىللەت ،قەۋىم ،ئىرىق ، پارتىيە ،گۇرۇھ ،تەشكىلات ،جەمىيەت، ئۇيۇشما ، بىرلىك ، مەكتەپ ……..قاتارلىق مۇئەييەن تىررىتۇرىيە، تىپ ، خاسلىققا ئىگە بولغان توپلامنىڭ پەرىقلەندۈرۈش مەقسىتىدە ئۆزىنىڭ خۇسۇسىيتىگە، خاسلىققغا، ئىتقادىغا، مەۋجۇتلىقىغا، مەدەنىيتىگەپ ئەنئەنىسىگە ، نىشانىغا سىمىۋۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىنى نامايان قىلىدىغان مەنىۋى كىملىك بەلگىسىدۇر ۋە يىپىنچىسىدۇر.
بايراق نىمە مەقسەتتە كۆتۈرلىدۇ؟
بايراق شۇخىل بايراق ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىتقاد ۋە سىمىۋۇلغا رازى بولغاندا، قايىل بولغاندا ، مايىل بولغاندا ، سائىل بولغاندا كۆتۈرلىدۇ. ( ئىشغال ئاستىدا مۇستەبىتلەرنىڭ زۇلمىدا ياشاۋاتقان ئۆز زىمىنى تاجاۋۇزلار ئىدارە قىلىۋاتقان شۇ زىمىننىڭ ئۆزىدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋە بىرما مۇسۇلمانلىرى غا ئوخشاش مۇسۇلمانلار نىڭ تاللاش يولى يوق مەجبۇرلىقتىدۇر.)
بايراق كۆتۈرۈش پەقەت بايراقنى ئىگىزرەك كۆرسىتىش دىگەنلىكمۇ ؟
ــــ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس بەلكى بايراق ئۆز ئىچىگە ئالغان مەقسەت ۋە نىشانلىرىنىڭ راۋاج تىپىشىغا كۈچ چىقرىش ۋە ھىمايە قىلىشمۇ بايراق كۆتۈرۈش بىلەن ئوخشاشتۇر.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بايرىقى قانداق؟
-زالىم خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ دۆلەت سىياسىتى، قانۇن- پىرىنسىپى ۋە خاراكتىرىنىڭ سىمىۋۇلىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۆزى بەرگەن ئىزاھاتتا: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيتى خەلق دىمكىراتىرىيەسىدىكى دىكتاتۇرلۇق دۆلەت . خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بايرىقىدىكى قىزىل رەڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ دۆلەت قۇرۇش يولىدا ئۆلگەن ئەسكەرلىرىگە چوڭ يۇلتۇز، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ پارتيىسىگە ، ئەتراپتىكى كىچىك تۆت يۇلتۇز خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تىرۇتىرىيەسىدە ياشاۋاتقان ھەرمىللەت خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ» دىگەن.
تەپسىلىي چۈشىنىشكە تەمشەلگىنىمىزدە : خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىشغالىيدىكى مۇسۇلمانلارغا دىمىكىراتىيە -ئەركىنلىك يوقتۇر. دىكتاتۇرـ ھاكىممۇتلەقلىق، مۇستەبىتلىك ۋە ئىكىسپىلاتسىيە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قانۇنىدا قۇياش نۇرىدەك ئوچۇق ئىسپاتىدۇر.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بايرىقىنىڭ قىزىل رەڭگى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئىزاھاتلىغاندەك، خىتاي دۆلتىنى قۇرۇش يولىدا ئۆلگەن ئەسكەرلىرىنىڭ قىنىدا رەڭلەنگەن سىمىۋۇل ئەمەس . بەلكى يۈز يىللاردۇر خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن شېھىت قىلىنۋاتقان مەزلۇم شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قىنىدا بويالغان تاجاۋۇزچىلىق سىمىۋۇلىدۇر.
ئەسلى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بايرىقى چوڭ يۇلتۇز ئۈستىدە بولقا ۋە ئورغاق بولۇپ ، بولقا ۋە ئورغاق قارىماققىلا تاجاۋۇزنىڭ سىيماسىنى ئەكىس ئەتتۈردىغان بولغاچقا دۆلەت بايرىقى قىلىپ قوللىنىشتىن ۋاز كەچكەن. بولقا ۋە ئورغاقنى بايراقتىن ئۆچۈرۈپ ئۆزگەرتىپ قوللانغان . ئەمما ئەسلى خاراكتىرى لىنىننىڭ : دۇنيادا ئۈچ نەرسىنى ئۆچ كۆرىمىز 1- اللە ، 2- دىن 3- ئۆز -ئۆزىگە خوجا بولۇش ) دىگەن ئىتقادنى مەۋجۇتلۇق مىزانى قىغان . ۋە بۇنىڭغا پەقەت قاتتىق قوللۇق ۋە تاجاۋۇز بىلەن يەتكىلىلى بولىدۇ دەپ قارىغان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى قايتىدىن قاراپ چىقىپ ، دۆلەت بايرىقىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەن بولقا ۋە ئورغاقنى پارتىيە بايرىقى ئۈستىگە چۈشۈرۈپ ئايرىم قوللىنىپ كەلمەكتە.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مىللى مۇناپىق سەيپىدىن ئەزىزى تەرىپىدىن قۇرالسىزلاندۇرغان 1949-يىلى دۆلەت قۇرۇش ئالدىدىكى غەلبىلىرىنى خاتىرلەپ ئايرىم ئارمىيە بايرىقى قىلىپ قوللىنىپ كىلىۋاتدۇ .خىتاينىڭ ئارمىيە بايرىقىدا 8-ئاينىڭ 1-كۈنى يەنى خىتايچە «八一» دەپ يېزىقلىق.خىتاينىڭ تاجاۋۇزلۇق ۋە زالىملىقىغا سىمىۋۇل قىلىنغان بەش تۈرلۈك بايرىقى بولۇپ دۆلەت بايرىقى، پارتيە بايرىقى، ئارمىيە بايرىقى ، ياشلار ئىتتىپاقى بايرىقى ۋە پىئونىرلار بايرىقىدىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ ھەممىسنى ھەرخىل تارىخى كۆرۈنۈشلەرگە باغلاشقا بولىدۇ.