ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 20-مارت كۈنى خوتەن ۋىلايىتىدە (خوتەن شەھىرى) 2017-يىللىق سىرتقا چىقىدىغان ئىشلەمچىلەرنىڭ سەپەرگە ئاتلىنىش ۋە قەسەمياد يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، 1000دىن ئارتۇق ئىشلەمچى نامىدا چىڭداۋ، ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئىشلەش ئۈچۈن يولغا سالغان.
ئىگىلىنىشىچە، خوتەن شەھىرى بۇ يىل 3471 ئادەم (قېتىم) نى سىرتقا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يېقىن ئەتراپقا يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلار 2296 ئادەم (قېتىم)، رايونىمىز ئىچىگە يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلار 904 ئادەم (قېتىم)، رايون سىرتىدا ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلار 271 ئادەم (قېتىم) ئىكەن.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ يىلمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق ۋىلايەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنى ئىچكىرى خىتايغا يۆتكەش سالمىقىنى ئاشۇرغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلار نوپۇسىنى تارقاقلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە ئىچكىرى خىتايدىن چىققان خىتاي ئاققۇنلىرىنى ئورۇنلشتۇرۇشنى تېزلەشتۇرۇش ئىكەن.