يېقىندا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا ئاشكارا بولغان «ئوقۇتۇش مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇش، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ مېڭىسىنى تازىلاش ھەرىكىتى» مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنىڭ 9تۈرلۈك تەكشۈرۈش تېزىسى مۇھاجىرەتتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش سۈپىتى بىلەن ھېسابلاشماي، بەلكى ئوقۇتقۇچىلارنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەت باغلاش نامىدا، ئوقۇغۇچىلىرىنى نازارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى مەلۇم بولدى.
بۇ يىل قىشلىق تەتىلدىمۇ، ھەر بىر ئوقۇتقۇچىغا 10دىن ئوقۇغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى باغلىنىپ، ئوقۇغۇچىلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن توختام تۈزۈلگەن؛ توختام مەزمۇنى ئاساسلىقى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىندىن يىراق تۇرۇشى، خىتتايلار بىلەن ئىتتىپاق بولۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا قارشى ھەرىكەتلەردە بولماسلىقى قاتارلىقلارنى ئاساسى مەزمۇن قىلغان.
مەكتەپلەردە، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئوز ئارا بىر بىرىنى نازارەت قىلىش، ئىسلام دىنىغا ۋە سىياسىغا ئالاقىدار ئىشلارنى پاش قىلىش مېخانىزىمىنى ئورناتقان.
دىمەك، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى كەلگۈسىمىز بولغان پەرزەنتلىرىمىزنى، مائارىپتا تەربىيىلىنىشتىن مەھرۇم قىلىپ، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىدىئولوگىيىسى ئاستىدا مىڭىسى يۇيۇلغان، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا بېقىنغان، مۇقۇملىقتىن باشقىنى ئويلىمايدىغان بىر تۈركۈم ماڭقۇرتلارنى تەربىيىلەپ چىقىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.