خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ماڭقۇرۇتلاشقان ئۇيغۇرلارنى مەيدانغا ئېلىپ چىقىشقا تىرىشماقتا
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتۈر تەشۋىقاتى نەتىجىسىدە بىر قىسىم مەنپەئەتكە، بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن «ماڭقۇرت» لاشقان ئۇيغۇرلارنى مەيدانغا چىقىرىش ئارقىلىق پۈتكۈل مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا روھى جەھەتتىن زەربە بېرىشكە ئۇرۇندى.
1-ماي كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا ئېلان قىلغان خەۋەردە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان ئېرفان تۇرسۇننى «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىشقا قىستىغان. ھەمدە ئېرفان تۇرسۇندەك «ماڭقۇرت» ئوبرازدىن بىرنى يارىتىپ شەرقىي تۈركىستاندا بولىۋاتقان زۇلۇمنى قانۇنلۇق، يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستان بىر قىسم ئۇيغۇر كادىرلارنى ئارقا -ئارقىدىن ئۆزىنىڭ سىياسىي مەيدانى ئىزاھلاپ ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا تېخىمۇ سادىقلىقىنى قىستاپ ئاشكارا «ئوچۇق خەت»،«مۇراجىئەتنامە»قاتارلىقلارنى ئېلان قىلىشقا قىستاپ، ھەتتا «مۇسۇلمان» ئەمەس دەپ جار سالغۇزغان بولسىمۇ، بۇ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن سىنارىيىسى يېزىلىپ، بىر قىسىم ئۇيغۇر «ماڭقۇرت»لارنىڭ رول ئېلىۋاتقان تېتېقىسز فىلىمدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
بۇ خىلدىكى رول ئېلىپ چىقاۋاتقان ئۇيغۇر ئىسىمدىكى «ماڭقۇرۇت»لار، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقىغە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇلار پەقەت مىللەت ئىچىدىن چىققان ئەخلەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
بۇلار باشقىلارنىڭ زورلىشى ، تەھدىدىتى ۋە ياكى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن دېسۇن بەرىبىر، ئۇيغۇر خەلقىغە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۇنداقلارنىڭ توۋا قىلىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ ھەر خىل شەكىلدىكى تاشلىغان سۆڭىكىدىن غاجىلاشتىن باش تارتىپ قىلىۋاتقان «ماڭقۇرۇت»لىقىدىن يانسا باغرىغا باسىدۇ. ئەمما بۇنداق قىلمىشىنى داۋام قىلسا خەلقىمىز بۇلارنى قانداق جازالاشنى ھەم ياخشى بىلىدۇ.
بۇنداق «ماڭقۇرۇت»لار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خارلىققا، زەبۇنلىققا مەھكۈم بولۇپ، ئەۋلادلىرىغا «مۇناپىق» تامغىسىنى بېسىپ ماڭىدۇ.