ئۆز مۇخبىرىمىز ئارتۇچ بۇغرا خەۋىرى:
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا زۈلۈم سىياسىتىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، چەتئەلدىكى بولۇپمۇ مىسىر، سەۋۇدى ئەرەبىستاندا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا خىتاي قورقۇنچ ۋىروسىنى تارقتىش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى ياقىلايدىغان تەرەپدارلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى زۈلۈمنى مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە پاش قىلىپ قويۇشنى توسۇش بىلەن بىرگە ئۇلارنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە قىلىۋاتقان زۈلۈمىنى ھەق قىلىپ كۆرسىتىش، ئىسلام دىندىكى كۆرسەتمىلەرنى ئۆز سىياسىتىگە ماسلاشتۇرۇش، ئۇلارنى قايتىپ بارغاندىن كېيىن «خىزمەت بېرىمىز» دەپ ئالداپ ئىسلام دىننى دوگما ھالەتتە چۈشىنىپ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا بىقندى بولۇپ ئىشلەيدىغان ساراي موللىرىدىن قىلىپ تەربىيلەپ چىقىش ئۈچۈن ئوقۇش ياردەم پۇلى، پاسپورت ۋە ئىقامەتلىرىنىڭ ئۇزارتىلىشىغا قولايلىق يارتىشتەك خىزمەتلەرنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشىلىقىنى بىلدۇرەلمەيدىغان ۋە بىلدۇردىغان كىشلەردىن يىراق تۇردىغان ھالەتكە ئېلىپ كەلگەن.
ئۆتكەن يىلى ئىگەللىگەن ئۇچۇرلاردا بولسا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئىدارىسى ۋە ھەر شەھەرنىڭ ساقچىرىدىن تەشكىللەنگەن ئومەكنىڭ مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئۆيمۇ-ئۆي دوقۇرۇپ يۇرۇپ ئۇيغۇر ياشلارنى قورقۇتۇپ بىر قىسىمنى ۋەتەنگە ئېلىپ كېتىشكە زورلىغان ھەمدە قايتىقانلارنىمۇ ئۈرۈمچى ئايدۇرۇمىدا تۇرمىلەرگە مەھكۈم قىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىدۇق.
مىسىردىن ئىگەللىگەن يېقىنقى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولىشىچە، 9-مارتتىن باشلاپ ئاق مەسچىتنىڭ ئىمامى ئابدۇشكۇر داموللام باشلىق خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ ساراي موللىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ئومەك مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىينچىلىقىنى ھەل قىلىمىز دىگەن نىقاپ بىلەن پەدازلىنىپ مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى ھىمايە قىلىش، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۈلۈمنى ئاشكارىلىماسلىق، قايتىپ بارغاندىن كېيىن خىزمەت تەقسىماتىغا ئىگە قىلىنسىلەر دىگەندەك يالغان تەشۋىقات بىلەن مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلارنى خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ تەرپىنى ئېلىشقا ئاللانىڭ قۇرئاننى ئوقۇپ تۇرۇپ، قۇرئاندا «زالىمغا قارشى تۇرۇڭلار» دىگەن ئايەتكە قارشى ھالەتتە ئىسلام دىننى خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ مەنپەتىگە ئۇيغۇن ھالەتتە خىزمەت قىلدۇرۇشقا تەرغىپ قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرغا چىقماقتا.
مەنبە: ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى