خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى قازاق ئىمامنى قىيناپ ئۆلتۈرگەن
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خىتايچە بۆلۈمىنىڭ 10-ئىيۇن تارقاتقان خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ سانجى شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق مەسچىتنىڭ ئىماملىقنى قىلىۋاتقان قازاق مىللىتىدىن بولغان ئەخمەت دېگەن كىشىنى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىپ، شۇ رايوندىكى قاماقخانىدا سوراق قىلىش جەريانىدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەن.
خىتاي ساقچىلىرى ئەخمەت ئىمامنىڭ ئائىلسىگە جەسىتىنى بېرىپ، ئىككى سائەت ئىچىدە كۈمۈشكە مەجبۇرلىغان.
7-ئاينىڭ بېشىدا بولسا ئەخمەت ئىمامنىڭ ئۇندىدار توپىدىكى دوسىت بۇرادەرلىرى بولۇپ 100دىن ئارتۇق كىشى ،خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان.
بۇ ئۇچۇرلارنى يېقىندا قازاقىستانغا قېچىپ چىققان بىر قازاق ياش ئۆزىنىڭمۇ تۇتقۇن ئوبيېكتىغا ئايلانغاندىن كېيىن، قېچىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئاشكارا قىلغان.
يېقىندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان قازاق مىللىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىش، ئۆلتۈرۇش نىشانىغا ئايلانغانلىقى قاراماي شەھىرىدىمۇ 4-ئايدا جامالخان باشلىق قازاق ئاياللارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئالغان ئىدۇق.