ئۆز مۇخبىرىمىز ئارتۇچ بۇغرا خەۋىرى:
خىتاينىڭ خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەت 6-مارت ئېلان چىقىرىپ، قەشقەرنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، يۇقىرى مائاش بىلەن خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلىرىدىن 3000 ساقچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدىن قوبۇل قىلىنغان بۇ ساقچىلارنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتىدىن يۇقىرى سەۋىيىدە بولۇشى تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ ھەر ئايلىق مائاشى 5000 يۈەن دەپ بەلگىلەنگەن ۋە ئۇنىڭغا يەنە ئېيىغا 500 يۈەن مۇقىملىق ساقلاش پۇلى قوشۇپ بېرىلىدىغانلىقى، قەشقەردىكى تۇرالغۇ ئۆي مەسىلىسى ھەل قىلىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
مەزكۇر خەۋەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى قەشقەردە 3000 ساقچىنى قوبۇل قىلىش ئېلانىدىن ئىلگىرىلا شەرقىي تۈركىستاندا ساقچىلار سانى كۆپەيتىلگەن بولۇپ، بۇلتۇر 9-ئايدا رايونغا تەيىنلەنگەن يېڭى ئەمەلدار چېن چۈەنگو كەلگەندىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستاندا تېررورلۇققا زەربە بېرىش، مۇقىملىقنى ساقلاش نامىدا ھازىرغا قەدەر يېڭىدىن 30 مىڭدىن ئارتۇق ساقچىنى قوبۇل قىلغان. كوچا دوقمۇشلىرىدا قاراۋۇلخانىلارنى قۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىدە خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ دەۋرىدىكى ئەڭ قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان.