خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ كىتابلىرىنى چەكلىدى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ئۇچۇرلاردا مەلۈم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۈچۈن جان كويدۇرۇپ خىزمەت قىلغان سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا نەشىر قىلىنغان «سۇتۇق بۇغراخان»، «تەڭرىتاغ بۈركۈتى»،«سەيپىدىن ئەزىزى شېئىرلار توپلىمى»، «كۈرەشچان يىللار»،«ھايات تەلقىنلىرى» قاتارلىق ئەسەرلىرى قانۇنسىز نەشىر بۇيۇملىرى قاتارىدا چەكلەشكە ئۇچرىغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئاتاقلىق يازغۇچىلىرىمىزدىن جالالىدىن بەھرامنىڭ «لېيىغان بۇلاق»، ئابدۇۋەلى ئەلىنىڭ «بەدەۋلەت» ، «قايتماس يول»،«غەزەپلەنگەن قايدۇ دەرياسى»، «قەشقەر غوجىلىرى»،«مەختۇم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ كېيىنكى ئەۋلادى»،«ئاپپاق غوجا»،«رەنجى غوجا»، تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ «دادام ئېيتقان ھېكايە» قاتارلىق ئەسەرلىرىمۇ قانۇنسىز نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەر قاتارىدا چەكلەنگەن بولۇپ،30-ئاپرىلغىچە ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ يىغىۋېلىش تەلەپ قىلىنغان.
دېمەك خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 21-ئەسىردە شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتى نەتىجىسىدە خەلقىنىڭ پىكىر قىلىش، ئويلاش،بايان قىلىش تەلۋىنىڭمۇ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
بىر ئىنكاس
ئۇيغۇر
قايسى ساۋاتسىز مەخلۇق چىقارغان جەدىۋەل ئىكەن بۇ. ھەتتا چەكلىمەكچى بولغان ئەسەر ۋە ئاپتۇرلارنى توغرىمۇ يازالماپتۇ. ئابدۇۋەلى ئەلنىڭ «بەد دۆلەت » ناملىق ئۈچ قسىملىق تارىخىي قىسسى، «مەخدۇم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى (ئىككى قىسم)، «ئاپاق خوجا» (ئىككى قىسم)، «تورغاق غوجىلار» (ئىككى قىسم) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. نەدىمۇ «قەشقەر غوجىلىرى» ، «رەنجى خوجا» دېگەن ئەسەرلىرى بولسۇن، جىڭ كاللىسدىن كەتكەن، ساراڭ قېتىش ئەبلەخ يېزىپتۇ بۇنى.
سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ «كۈرەشچان يىللار»، «ھايات تەلقىنلىرى» دېگەندەك ئەسەرلىرى يوق. «كۈرەشچان يىللار» دېگەن ئەسەر قىيۇم تۇردىنىڭ ئەسىرى، «ھايات تەلقىنلىرى» دېگەن ئەسەر باشقا بىر ئاپتۇرنىڭ ئەسىرى.
سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئەسەرلىرى : «سۇتۇق بۇغراخان»، «كۈرەش يولى»، «تەڭرىتاغ بۇركۈتى»، «ئوكيان ئىلھامى» دېگەندەك ئەسەرلىرى بار. مۇشۇ قاپباق باش مۇناپىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھالىغا ۋاي!!!