ئاقسۇ ۋىلايىتى، بۇ يىل يېزىلاردا يېڭىدىن سېلىنىدىغان قوش تىل يەسلىلىرىگە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەردىن 2876 كىشى قوبۇل قىلىدىكەن. خىتتاينىڭ خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ خۇڭ، يېقىندا بىر خىزمەت ئۆمىكىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە 2 – تۈركۈمدە 1000 نەپەر يەسلى ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتتاي ئۆلكىلىرىدىن خىزمەتكە قوبۇل قىلىنىدىغان قوش تىل يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە، بۇ يىل 8 – ئايدىن بۇرۇن يېڭىدىن سېلىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان جەمئىي 668 قوش تىل يەسلىسىدە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى نۆۋەتتە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى يېزىلاردا قوش تىل يەسلىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى تېز سۈرئەت بىلەن ئېلىپ بارماقتا. ئەگەر ئاقسۇ ۋىلايىتىدە يېڭىدىن سېلىنغان 668 يەسلىنىڭ ھەممىسى ئىشقا كىرىشكەن تەقدىردە، يېڭىدىن كۆپىيىدىغان يەسلى بالىلىرىنىڭ سانى 80 مىڭغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتىكەن.
خىتتاي تىلى ئوقۇتۇشىنى ئاساس قىلىۋاتقان ئاتالمىش قوش تىل يەسلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئەسلى مەقسىتى ئۇيغۇر زىيالىيلاردا ئەندىشە قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ ئاتالمىش قوش تىل يەسلىلىرىگە خىتتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىلىدىن قىلچىلىكمۇ ساۋادى بولمىغان كىشىلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىمۇ يەنە بىر دىققەت قوزغايدىغان مەسىلە بولۇپ، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا قوش تىل نامىدا خىتتاي تىلىنى 2020 – يىلىغىچە ئوموملاشتۇرۇش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پىلانلىق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى تېخىمۇ گەۋدىلەنمەكتە .