خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى شىمالى كورىيەنى يوقىتىش قەدىمىنى ئالدى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
خىتتاي سودا مىنىستىرلىقى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ شىمالى كورىيەگە يۈرگۈزگەن ئىمبارگۇسىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى ۋە خىتتايدىكى شىمالى كورىيە شىركەتلىرىنى تاقاش ھەققىدە رەسمى بۇيرۇق چۈشۈرگەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 12- سىنتەبىر، شىمالى كورىيەگە قارشى يېڭى ئىمبارگۇ قارارى ماقۇللاپ، شىمالى كورىيەنىڭ پاختا توقۇمىچىلىق، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ۋە كۆمۈر مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشىنى چەكلىگەن. ئارقىدىنلا ئامېرىكا پرېزدېنتى دونالد ترامپمۇ مەمۇرىي بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ، شىمالى كورىيە بىلەن سودا قىلغان شىركەتلەرنى جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتتاي سودا مىنىستىرلىقى بۈگۈن، خىتتايدىكى شىمالى كورىيە شىركەتلىرىنى، يەنى خىتتاي بىلەن شىرىك سودا قىلىۋاتقان كارخانىلارنى 120 كۈن ئىچىدە تاقايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتتاي شىمالى كورىيەنىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، كۆمۈر ۋە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېكىسپورت قىلىدىغان ئاساسلىق قوشنىسى بولۇپ، ئۇ يەنە شىمالى كورىيەنىڭ، ئەمگەك كۈچىنى ئېكسپورت قىلىپ، ئېھتىياجلىق تاشقى پرىۋوتقا ئېرىشىدىغان ئاساسلىق دۆلىتى ئىكەن.
رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ يىل 2 – ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىمبارگۇ قارارىنى ئىجرا قىلىشقا ۋەدە بېرىپ، شىمالى كورىيەدىن كۆمۈر ئىمپورت قىلىشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ بۇ يىل 8 – ئايدا بىر مىليون 600 مىڭ توننا كۆمۈر ئىمپورت قىلغان. خىتتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گاۋ فېڭ پەيشەنبە كۈنى خىتتاينىڭ ھەرىكىتىنى ئاقلاپ،« ئۇنىڭ ئىمبارگۇ كۈچكە ئىگە بولۇشتىن بۇرۇنقى ئىش» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4 – ئايدا ئامېرىكىغا قىلغان زىيارىتىدە، ئامېرىكا پرېزدېنتى تىرامپقا، شىمالى كورىيەنى يوقىتىشقا ۋەدە بېرىپ، يىپەك يولىنىڭ يادورلۇق نۇقتىسى بولغان شەرقىي تۈركىستان ئارقىلىق كېلىدىغان پايدىنىڭ زور بىر قىسمىنى ئامېرىكىغا بېرىش بەدىلىگە، شەرقىي تۈركىستاننى ئەبەدىي ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ئەڭ پۇللۇق كوزۇرى بولغان شىمالى كورىيەنى يوقىتىپ بېرىشكە ۋەدە بەرگەن ئىدى. شۇ ۋەدىسىگە ئاساسەن خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى شىمالى كورىيەنى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلماقتا.