خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى «شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
بۈگۈن يەنى، 1- ئىيۇن پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ دۆلەت كابېنت مەخسۇس «شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى» دەپ ئىسىم بېرىلگەن ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە كۈچىيىۋاتقانلىقى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇنداق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.
مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتاب سىياسىي ھوقۇق، پۇقرالار ھوقۇقى، ئىقتىسادىي ھوقۇق، مەدەنىيەت ھوقۇقى، دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى قاتارلىق 8 بۆلۈمىدىن تەركىب تاپىدىغان بولۇپ، خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق رەسمىي ئاخبارات ۋاستىلىرىدا تارقىتىلغان خەۋەردىن قارىغاندا، كىتابتا ئاساسلىق 1949- يىلىدا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كەلگەندىن بۇيان، رايوندىكى خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ئېرىشكەنلىكى، رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقى، پۇقرالارنىڭ تۈرلۈك ئەركىنلىكتىن تولۇق بەھرىمان بولغان دەپ يالغان سۆزلىگەن.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ بولسا، بۈگۈن «كۋارتىز» ژۇرنىلىغا قىلغان سۆزىدە، ئاق تاشلىق كىتابتا ئىلگىرى سۈرۈلگەنلەرنىڭ ۋە بېرىلگەن ستاتېستىكىلارنىڭ زور قىسمىنىڭ ئەمەلىيەتنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنىڭ ئىنتايىن يۈزەكىيلىكىنى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى راستچىل بولۇشنىڭ ئورنىغا تەشۋىقات ئارقىلىق پەقەت ئوقۇرمەنلەرنى خاتا مەلۇماتلاندۇرماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دېمەك، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنى يېپىش ئۈچۈن ھەمدە خەلقئارانىڭ بېسىمىغا قارىتا ھىيلە ئىشلىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن يالغانلاردىن «ئاق تاشلىق» كىتابىنى ئېلان قىلىشى ئۆزىنى ئاقلاشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.