خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن تەسىس قىلغان«قۇربان تۇلۇم مۇكاپاتى» مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىرى باشقۇرۇشىدىكى بىر بالىلار خەير ساخاۋەت ئورگىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تالاش-تارتىشتىكى سىياسىي ئوبراز-قۇربان تۇلۇمنىڭ نامىدا مۇكاپات تەسىس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر مۇكاپاتنى خىتاينىڭ «جۇڭخۇا ئۆسمۈرلەر خەير -ساخاۋەت ۋە ياردەم جەمئىيىتى» تەسىس قىلغان.
مەزكۇر جەمئىيەت 28-ئىيۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ نامىدا مۇكاپات تەسىس قىلىشنى قارار قىلغانلىقى، مەخسۇس ئۇيغۇر رايونىغا قارىتىلغان بۇ مۇكاپات، مەزكۇر رايوننىڭ مۇقىملىقىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان شەخسلەرگە، يارىلانغان ئامما ۋە ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
قۇربان تۇلۇم 1883-يىلى خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ 1950-يىللاردا ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي رەھبىرى ماۋزېدۇڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلىپ، ئېشەك بىلەن بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىققان قىلىپ ، قۇربان تولۇمدەك بىر كىشىنى خىتاينىڭ ئۆزلىرى تەرىپىدىن ياساپ چىققان ساختا ئۈلگە ئىكەنلىكى مەلۈم.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغاندەك ئۆزى سادىق قۇربان تولۇمدەك ئارتىسلارغا ئېھتىياجى بارلىقىنى بۇ ئارقىلىق بىرنى ئۈلگە قىلىپ تۇرۇپ نەچچە مىليون ئۇيغۇرنىڭ غۇرۇرىنى، ئىمانىنى دەپسەندە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ، بىر ئوچۇم خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا مايىل قۇربان تولۇمدەك ئارتىسلار شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا چىققان بولسىمۇ، ئەمما دىنىم ئىسلام ،ۋەتىنىم شەرقىي تۈركىستان، مىللىتىم ئۇيغۇر، دۇشمىنىم خىتاي دەيدىغان ئۇيغۇرلارنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا مەڭگۈ باش ئەگمەي،خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.