خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تۆت نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنى مۇددەتلىك قاماققا مەھكۈم قىلدى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
غۇلجا شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 18-ئاپرىل تارقاتقان ئۇچۇردىن مەلۇم بولىشىچە،غۇلجا شەھىرىدە تۆت قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىق دېلوسى تۇرغۇزۇلۇپ، تۆت نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنى مۇددەتلىك قاماققا مەھكۈم قىلغان.
غۇلجا شەھەر دادامتۇ يېزىسى «خۇادا» مەكتىپىنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇرېشىت مۇتەللىپنى «مىللىي ئۆچمەنلىك، مىللىي كەمسىتىش ھەمدە قانۇنسىز دىن ئىدىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماقالە ئېلان قىلىپ، سىياسىي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان»دېيىلگەن.ھەمدە ئابدۇرېشىت مۇتەللىپكە خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى، قانۇن بويىچە مۇددەتلىك بەش يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئىككى يىل مەھرۇم قىلىنىش جازاسى بېرىلگەن.
غۇلجا شەھەرلىك 12-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى كېرەمجان ئەخمەتنى« تېررورلۇق تەشكىلات پائالىيەتلىرىگە قاتناشماقچى، تەشكىللىمەكچى بولۇپ، سىياسىي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان»دەپ كېرەمجان ئەخمەتكە خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى، قانۇن بويىچە مۇددەتلىك 4 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئىككى يىل مەھرۇم قىلىنغان.
غۇلجا شەھىرى بايانداي بازىرى تيېچاڭگۇ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مەۋلان مەمەتنى «تېررورلۇق تەشكىلات پائالىيەتلىرىگە قاتناشماقچى، تەشكىللىمەكچى بولۇپ، سىياسىي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان»دەپ مەۋلان مەمەتكە خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى، قانۇن بويىچە مۇددەتلىك ئىككى يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئىككى يىل مەھرۇم قىلىنغان.
غۇلجا شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى زەينۇرە مەمەتقۇرباننى« قانۇنسىز دىن ماتېرىياللىرىنى تارقاتقان، ساقلىغان بولۇپ، سىياسىي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان»دەپ زەينۇرە مەمەتقۇربانغا خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى،قانۇن بويىچە مۇددەتلىك ئىككى يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.
دېمەك، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى مائارىپ ساھەسىدىمۇ تازىلاش ئېلىپ بېرىپ، تۈرلۈك بۆھتانلار ئارقىلىق ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى جازالاپ، ئۇلارنى ۋەھىمە ئىچىدە ياشايدىغان،ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە مىللى كىملىك ھەققىدە ھېچقانداق سۆز قىلالمايدىغان ھالەتكە مەھكۈم قىلىپ، ئۇيغۇر مائارىپىنى يىلتىزىدىن ۋەيران قىلىش مەقسىدىگە يەتمەكچى.