خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدە نامازدا ئوقۇلىدىغان قۇرئان(سۈرىلەرنى ۋە خۇتبە)لەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇقتۇرۇشى تارقاتتى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئارقىلىق تارقالغان ئۇچۇرلاردا مەلۈم بولىشىچە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يېقىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتىگە تەۋەسىدە مەسچىتلەردە ئوقۇلىدىغان نامازنىڭ سۇرىلىرى ۋە ھەر جۈمە كۈنىدىكى خۇتىبىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇقتۇرۇشىدا «قۇرئان»دا بەلگىلەنگەن 1- پارىنىڭ 1- سۈرىسى بىلەن 30- پارىدىن 9 سۈرە(94- سۈرە، 95- سۈرە، 97- سۈرە، 99- سۈرە، 103- سۈرە، 106- سۈرە، 107- سۈرە، 110- سۈرە، 113- سۈرە) تاللىنىپ، جەمئىي 10 سۈرە نامازلاردا ئوقۇلىدۇ دەپ بەلگىلەپ بەرگەن.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يەنە خوتەن ۋىلايىتى بويىچە جۈمە نامىزىدا قىلىنىدىغان تەبلىخ مەزمۇنىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى بولسا 2017-يىلى جۈمە نامىزىدا تەبلىخ قىلىنىدىغان مەزمۇنلار ئاللىبۇرۇن ھەر قايسى شەھەر، ناھىيىلەرگە تارقىتىلغانلىقى نۆۋەتتە پۈتكۈل ۋىلايەت مىقياسىدىكى جۈمە ئوقۇلىدىغان مەسچىتلەردە بىر تۇتاش تارقىتىلغان مۇندەرىجە ۋە مەزمۇن بويىچە تەبلىخ ۋە تەپسىر قىلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، جۈمە نامىزىدا ئوقۇلىدىغان بەش پارچە ئەرەبچە خۇتبە مەزمۇنى ئاللىبۇرۇن ھەر قايسى شەھەر، ناھىيىلەرگە تارقىتىشقا تەييار بولغانلىقى بۇندىن كېيىن پۈتكۈل ۋىلايەت مىقياسىدىكى جۈمە ئوقۇلىدىغان مەسچىتلەردە بىر تۇتاش تارقىتىلغان بەش پارچە ئەرەبچە خۇتبە مەزمۇنىغا ئاساسەن خۇتبە ئوقۇلىدۇ. (دىنىي زاتلار پەقەت ئەرەبچىلا ئوقۇيدۇ)دېيىلگەن.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى خوتەن ۋىلايىتى بويىچە نامازلاردا ئوقۇلىدىغان ئەزان، تەكبىر، تەسبىھ ۋە دۇئالارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان بولۇپ، خىتايچە ئىسلام بەرپا قىلىشقا ئۇرنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.
ئەزان مۇنداق ئۆزگەرتىلگەن:«بىز ھەممىمىز ۋەتەننىڭ پەرزەنتلىرى، بىز ھەممىمىز ۋەتەننىڭ پەرزەنتلىرى، ۋەتەن ئۇلۇغ، ۋەتەن ئۇلۇغ، ناماز ۋاقتى كەلدى، بەخت تىلەشكە تېز كېلىڭلار، ۋەتەننىڭ ئىناق مۇقىملىقىنى تىلەڭلار، ۋەتەننىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى تىلەڭلار».
تەكبىرمۇنداق ئۆزگەرتىلگەن: «بىز ھەممىمىز ۋەتەننىڭ پەرزەنتلىرى، بىز ھەممىمىز ۋەتەننىڭ پەرزەنتلىرى، ۋەتەن ئۇلۇغ، ۋەتەن ئۇلۇغ، ناماز بەرپا قىلىندى، مۇكەممەل بولۇشنى تىلەيمىز، ۋەتەننىڭ ئىناق مۇقىملىقنى تىلەيمىز، ۋەتەننىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى تىلەيمىز».
تەسبىھ بولسا مۇنداق ئۆزگەرتىلگەن: «ۋەتەنگە مىننەتدارىمىز، شى رەئىسكە مىننەتدارىمىز».
دۇئانى مۇنداق قىلىش تەلەپ قىلىنغان: «خوتەننىڭ تىنچ مۇقىم بولۇشىنى، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشنى، ياشانغانلارنىڭ ساغلام بولۇپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنى، بالىلارنىڭ خۇشال – خۇرام چوڭ بولۇشىنى، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئىناق، بەختلىك بولۇشىنى تىلەيمىز. خاتىرجەملىك ۋە بەخت تىلەيمىز!»
دېمەك، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى ئۇسۇللار بىلەن ئىسلام دىنىمىزغا ھاقارەت قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ، پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ مۇبارەك ئىسلام دىنىمىزنى خىتايچە ئىسلام قىلىپ ئۆزگەرتىشىگە بارلىق ئىمكانىمىزنى ئىشقا سېلىپ ئاخبارات ، ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى تولۇق پايدىلىنىپ بۇ قىلمىشىنى پاش قىلىشىمىز ۋە قارشى ھەركەت قىلىشىمىز ئىمانى ۋە ۋىجدانى مەجبۇرىيەتلىرىمىزدۇر.