خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئاجىز نۇقتىسى سەنشا توسمىسى
ئارتۇچ بۇغرا
سەنشا توسمىسى خىتتايدا ئۇزۇن يىللىق پىلانلاش ۋە كۆپ قېتىملىق تالاش – تارتىشلاردىن كېيىن قۇرۇلغان؛ قۇرۇلۇشنىڭ دەسلەپكى پىلانى شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى سۇن جۇڭسەن تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان؛ خىتتاي ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشتىن كېيىن تەرەققىياتقا قاراپ قەدەم باسقاندا، بۇ پىلان ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. شۇڭا سەنشا قۇرۇلۇشى بەزى خىتتاي مىللەتچىلىرىنىڭ نەزىرىدە يالغۇز ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بولۇپلا قالماي، خىتتاي مىللىتىنىڭ مىللىي روھ ۋە غايىلىرىنىڭ سىمۋوللىرىدىن بىرىگە ئايلانغان.
خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى 1989 – يىلى تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى قوراللىق باستۇرغاندىن كېيىنلا «سەنشا توسمىسى قۇرۇلۇشى» دېگەن نام بىلەن خىتتايدىن شەرقىي تۈركىستانغا نەچچە مىليون خىتتاينى يۆتكىگەن.
سەنشيا سۇ ئېلىكتىر ئىستانسىسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سۇ ئېلىكتىر ئىستانسىسىدۇر. سەنشيا سۇ ئامبىرى 39 مىليارد 393 مىليون كۇپ مېتىرلىق سىغىمچانلىقى بىلەن خىتتايدىكى ئەڭ چوڭ سۇ ئامبىرى دەپ قارىلىدۇ. بىراق، سۇ سىغىمچانلىقىنى رەتكە تۇرغۇزىدىغان بولساق، سەنشيا ئامبىرى دۇنيادىكى ئالدىنقى 20 چوڭ ئامبارنىڭ قاتارىغىمۇ كىرەلمەيدۇ.
خىتتاينىڭ چاڭجياڭ سەنشيا گورۇھى شىركىتى ئېلان قىلغان سۇ ئەھۋالى ئۇچۇرىدىن ئايان بولۇشىچە، 27 – ئۆكتەبىر سائەت 8 دە، سەنشيا سۇ ئامبىرىغا كىرىدىغان سۇنىڭ ئېقىم مىقدارى سېكۇنتىغا 16 مىڭ 400 كۇب مېتىر بولۇپ، تۇغاندىكى سۇ چېنى 172.58 مېتىر بولغان. بۇ سەنشيا سۇ ئامبىرىنىڭ بۇ يىل 175 مېتىر سىناق تەرىقىسىدە سۇ ساقلاشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۈچ مېتىر «تەتۈر ساناق» باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
سەنشا سۇ توسمىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىسا خىتتاينىڭ شاڭخەي، خۈنەن ۋە خۇبىي قاتارلىق 6 ئولكىسىنى سۇ بېسىپ كېتىدۇ.
خىتتاينىڭ بۇ 6 ئولكىسىدە ھەم خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئاساسلىق مۇنتىزىم قوشۇنى ھەمدە قورال – ياراق ئامبىرى، ھاۋا مۇداپىئە قىسمى ئورۇنلاشقا بولۇپ، 300 مىليونغىچە خىتتاي پۇقرالىرى ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. خىتتاينىڭ پۇتۇن ئاساسلىق ئەسكىرى كۈچى ۋەيران بولىدۇ.
كۈزەتچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ سەنشا سۇ توسمىسىنى كىچىك تىپتىكى يادرو باشلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھەتتا چوڭ پاراخوت بىلەن بىۋاسىتە توسمىغا ئۇرسىمۇ ياكى ئېلىپ يۈرۈشكە قولايلىق ئاتوم رادىئولۇق بومبا بىلەن پارتىلىتىش ئارقىلىق كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكىلى بولىدىكەن.
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى 18 – دېكابىرنىڭ ئالدى – كەينىدىكى كۈنلەردە ئامېرىكىنىڭ چاۋشەنگە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشىدا، ئامېرىكا تەرىپىنى ئېلىپ، چاۋشەنگە قارشى مەيدان ئېلىپ قالسا چاۋشەن ئالدى بىلەن خىتتاينىڭ سەنشا توسمىسىنى ئاۋۋال نىشانغا ئېلىپ باشقۇرۇلىدىغان ئاتوم بومبىسى بىلەن توسمىسىنى پاچاقلاپ تاشلايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.
بۇ توسمىنى قوغداشقا خىتتاينىڭ ئىككى ھاۋا مۇداپىئە شىسىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بولۇپ، خىتتاي بىلەن ئۇرۇش بولۇپ قالسا ئەتراپىدىكى خوشنا دۆلەتلەردىن ھىندىستان، ۋېتنام، ياپون، كورىيە، پاكىستان، چاۋشەن، تەيۋەن قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئەڭ ئەۋۋال خىتتاينىڭ بۇ توسمىسىغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلىدىغانىلىقىنى ھەربىي ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئاشكارىلىغان.
سەنشا سۇ ئامبىرىنىڭ سۇيىنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەگەر جىددى ئەھۋالدا سۇ قۇيۇپ بەرمىسىمۇ 4 كۈن ۋاقىت كېتىدىكەن.
دېمەك، ئەگەر خىتتاينىڭ بۇ سۇ ئامبىرىغا ھۇجۇم قىلىش توغرا كەلسىمۇ ھىچكىم ئاۋۋال دەپ قويۇپ قىلمايدۇ. بەلكى ئەجەللىك نۇقتىسىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم باشلايدۇ.