خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بىرنى كۆتۈرۈپ، مىڭنى ئۆلتۈرۈش تاكتىكىسى
ئارتۇچ بۇغرا
قانخور خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى، ئەزىز ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىشغالىيىتى داۋامىدا، يۇمشاق ۋاستىلەرنى قوللىنىش، ئالداش، ساختا مېھرىبانلىق كۆرسىتىش ئوبرازىنى ئىزچىل ئويناپ كەلدى.
شەرقىي تۈركىستانغا دەسلەپ بېسىپ كىرگەن چاغلاردا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىكەنلىگىنى ئىپادىلەپ، ئۇلارنى قوغلاپ چىقارغان ھامان شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلىپ، ئۆيلىرىمىزگىچە كىرىپ يەرلەشتى. خەلقىمىزنىڭ كۆزىنى بوياپ، ئالدى بىلەن مەھەللە كويلارنى تازىلاپ بېرىش، كېرەكسىز ئەخلەت – چاۋالارنى تېرىش بىلەن ئىشىنى باشلىدى. ئاستا – ئاستا بۇغداي ئورۇش، ئوتۇن كېسىش، كېسەل داۋالاشقا ئوخشاش ئۇسۇللار بىلەن خەلقىمىزگە ئۆزىنى ياردەمچى قىلىپ كورسەتتى. نادان خەلقىمىز بۇ مەككار تۈلكىلەرنى «بىكارلىق ئەمگەك كۈچلىرى ئىكەن» دەپ ئويلاپ قالدى. ئەمما، ھېلىگەر خىتتاينىڭ بۇ خىزمەتلىرىنىڭ، 40 مىڭ كىشىلىك شەرقىي تۈركىستان ئارمىيىسىنى قورالسىزلاشتۇرۇشتا، ئويلاپ تاپقان ھېلىسى ئىكەنلىگىنى، خەلق بەكمۇ كېچىكىپ ھېس قىلىشتى.
يېقىنقى زامانلاردا بولسا، خەلق ئىچىدە «ئۆلگەنلەردىن ئۈگىنىش » دولقۇنىنى قوزغاپ، كەڭ – كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ كەلدى. مەسىلەن: لېي فىڭ، ۋاڭ گۇاڭرۇڭ، جاڭ خەيدى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلگەن روھىدىن ئۈگىنىش ھەرىكىتىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە مەجبۇرى تاڭدى. ھەر يىلى ماي ئېيىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېيى قىلىپ بەلگىلەپ، مەجبۇرى ھالدا ئۇيغۇرلارنى خىتتايلار بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا تەشكىللەپ، ساختا دوستلۇقنى مۇكاپاتلاشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.
2009 – يىلى يۈز بەرگەن «5 – ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن، جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، يەنە ساختا مېھرىبانلىق، يالغان ئىتتىپاقلىق ئويۇنلىرىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ ئويناشقا كىرىشتى.
بۇنىڭ تىپىك ۋەكىلى، جاللات جاڭ چۈنشيەن 2011 – يىلى 20 – يانۋار چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 4 دە ئۆزلىرى ياساپ چىققان «ئالىمجان خالىق» ئاتلىق ئۇيغۇرنى داغدۇغىلىق قارشى ئالدى. خىتتاي ئاخباراتىدا بۇ خەۋەرنى مۇنداق يازىدۇ: «جاڭ چۈنشيەن بېشىغا بادام دوپپا كىيگەن ، قويۇق ساقال – بۇرۇت قويغان، بىر ئۇيغۇر كىشىنى قولىدىن يېتىلىگىنىچە كىرىپ كەلدى…» پاھ، پاھ!… خىتتاي ئەجەپ ئۇيغۇرغا ساقال – بۇرۇت قويدۇرۇپ، دوپپا كەيدۈرۈپ، ئۇيغۇرلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ قاپتۇيا؟!… مىليونلاپ ئىقتىساد سەرپ قىلىپ يول ياساۋاتقان، يېتىم – يېسىرلارنى يۆلەۋاتقان ئۇيغۇر بايلىرىمىزنى ماختىماي، 100 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلغان بۇ ساقاللىقنى بېشىدا كۆتۈرۈپ قاپتۇيا؟!…بۇنىڭدىكى پەرق نەدە؟… بۇ ساقاللىق ئالىمجان، 100 مىڭ يۈەننى خىتتاي ئوقۇغۇچىلارغا سەرپ قىپتۇ. ئۇيغۇر بايلىرىمىز بولسا، ئۆز يۇرتلىرىغا، ئۆز مىللىتىگە سەرپ قىپتۇ ئەمەسمۇ؟… ھەي ئۇيغۇر، ھەي ئۇيغۇر…
سۆھبەت تازا ئەۋجىگە چىققاندا، جاڭ چۈنشيەن قولىغا بىر قىزىل بولاقنى ئېلىپ ساقاللىق ئالىمجانغا تەڭلەپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: « مەن بۈگۈن سىزگە ئاز بولسىمۇ 10 مىڭ يۈەن ئېلىپ كەلدىم. بۇ پۇل ھۆكۈمەت پۇلى ئەمەس، بەلكى مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ شەخسىي كۆڭلى. بۇ پۇلنىڭ 5000 يۈەنىنى ئانىڭىزغا ئالغاچ بېرىڭ، قالغان 5000 يۈەنىنى كەلگۈسى توي قىلىدىغان لايىقىڭىزغا بېرىڭ. ھە راست، لايىق تاپقاندا، چوقۇم مەن بىلەن كۆرۈشتۈرۈڭ. مەن سىلەرنى مېھمان قىلىمەن. ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسى بەك سوغۇق، شۇڭا بۇ قىشلىق چاپاننى كىيىۋېلىڭ. بۇ بىزنىڭ ئائىلىدىكىلەرنىڭ سىزگە قىلغان كۆڭلىمىز».
بۇ خىتتاي، ۋاڭدىنمۇ مەرتمۇ نېمە؟… ئۆيىدىكى پۇلىنى ئېلىپ كەپتۇ، تېخى كونىراپ كەتكەن چاپىنىمۇ باركەن، نېمە دېگەن سېخى خىتتاي بۇ؟… كونىلارنىڭ « خىتتاي دېگەن كۈندە بىر ھېلە – مىكىر ئىجات قىلىدۇ» دېگىنى بىكار ئەمەسكەن جۇمۇ، ئۇنىڭ ھېلىگەرلىك ماھارىتى ۋاڭغا قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرىدەك تۇرىدۇ.
خىتتاينىڭ ساقاللىق ئالىمجان بىلەن ئوينىغان بۇ سۆز ئويۇنى خەلققە:«ماڭا سادىق بولساڭ مۇكاپاتىڭنى ئالىسەن، ئەكسىنچە يول تۇتساڭ جازالايمەن» دېگەن ئېلاننى يورۇتۇپ بەردى.
«ئالىمجاننىڭ ئىش – ئىزلىرى›› تەسۋىرلەنگەن، سەھنە ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى 2011 -يىلى 1- ئاينىڭ 21 – كۈنى ئۈرۈمچى سەنئەت يۈرتى تىياتىرخانىسىدا ئوينالدى.
«بۈگۈنى كۆرۈشۈپ، ئەتىسى سەھنە ئەسىرىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش» ئاجايىپ ماس كەپتۇ جۇمۇ! قايسى ۋاقىتلاردا بۇ ئىشلارغا ئۈلگۈرۈپ بولغاندۇ؟… ساقاللىق ئالىمجان ئىچكىرىدىن پويىزدا كەلگۈچە، رەپىتىسنى تازا ئوبدان قىلغان ئوخشىمامدۇ؟…
بۇنىڭ ھەممىسى، نادان خەلقنىڭ كۆزىنى بوياش تاكتىكىسى. ئەمما، خەلقىمىز 63 يىلدىن بۇيان، بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق – سوغۇقلارنى ئۆتكۈزدى، بۇنداق سەھنە ئەسەرلىرىدىن كۈرمىڭنى كۆردى. ساقاللىق ئالىمجاندەك ئارتىسلارنى، يۈرىگىنىڭ قېتىغا يېزىپ قويۇشتى. تارىخىمىزدا ، بۇنداق ئارتىسلار خېلى چىققان ئىدى. خىتتاي ھەم يەنە چىقىرىش ئۈچۈن، داۋاملىق ئىزدىنىۋاتىدۇ.
خەلقىمىز ئىچىدە، ساقاللىق ئالىمجانغا ئوخشاش، خىتتايغا پوداقچىلىق قىلىپ جان بېقىشنى مەقسەت قىلغان ئاز بىر قىسىم ئارتىسلاردىن باشقىلار، خىتتاينىڭ ھەقىقى مەقسىدىنى كۆرۈپ يەتكەچكە، چالغان دېپىغا ئۇسۇل ئوينىماس بولدى.
ئى ئاللاھ، بىزلەرنىڭ زالىمغا قارشى ئىمانىمىزنى مۇستەھكەم قىل، ئۇنىڭ ھېلە – نەيرەڭلىرىنى سېزەلەيدىغان، بىلەلەيدىغان ئەقىل – پاراسەت بەر. ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن قۇرغان ھېلە – مىكىرلىرىنى ئۆزۈڭ بەربات قىل. زالىملارغا قارشى بىزنى ھەر ۋاقىت سابىت قەدەم ئالىدىغان قىل !
ئامىن!!!!!
2012 – يىلى 10 – ئاي ستوكھولم