خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى مۇناپىقلىق قىلىشقا زورلاش پىلانلىرى ئاشكارىلاندى
ئارتۇچ بۇغرا
شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ھەرىكەتنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلارغا بولغان قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ پىدائىيلارنىڭ ئىسلام دىنىي ئەقىدىسى قويۇق، خىتاينىڭ تاجاۋۇزچى ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرگەن ئىمانى مۇستەھكەم بولغان ياشلارنى ئاساسلىق نىشان قىلىپ ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىپ ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماققا،ئۆلۈم جازالىرىغا مەھكۇم قىلىپ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى داۋام قىلماقتا.
خىتاي تاجاۋۇزچىلار شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىشىپ كەڭ -كۆلەملىك خىتايغا تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى پىدائىيلىق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ مەھەللە-مەھەللىگە توسۇق قۇرۇش،چارلاش نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، سىرتتىن كەلگەنلەرنى كونترول قىلىش، ئۇرۇق –تۇغقانلارنىڭ يىغىلىشىنى چەكلەش قاتارلىق بەلگىلىمىلەر ئارقىلىق بىر يەرگە توپلىشىنى چەكلەپ مۇناپىقلارنى ھەسسىلەپ سېتىۋېلىپ ئىشقا سېلىۋاتقان بولسىمۇ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلەرگە ماددى-مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى كونترول ئاستىغا ئېلىشقا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئاشكارىسى مۇناپىق بولۇشقا زورلىماقتا.
بىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا مەلۇم بولۇشىچە،خىتاي تاجاۋۇزچىلار ئەڭ ئالدى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار ئىچىدىن ئۆزى مۇۋاپىق كېلىدىغان نامزات ئىزدەيدىكەن.
ئۇنداق كىشىلەر چىقمىغاندا ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئارقىلىق قول سېلىشقا ئۇرۇنىدىكەن.
مۇھاجىرەتتىكى سىياسىي ئاكتىپ ۋە خىتاي تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ھەرىكەتتە بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى بىۋاسىتە تۇغقانلىرىنى تۈرمىگە ئېلىش،تېلېفون ئۇرغۇزۇپ بېسىم قىلدۇرۇش، ئىقتىسادى جازالارنى قوللىنىش ئارقىلىق ياشاش ئىمكانىنى يوق قىلىش، ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماققا مەھكۇم قىلىش، قىيىن –قىستاققا ئېلىپ جازالاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ھەرىكەتلەرنى توختىتىش ھەمدە قىلماقچى بولغان پائالىيەت، ھەرىكەتلەرنى ئاشكارىلاشقا قىستايدىكەن.
خىتاي تاجاۋۇزچىلار مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە ئاكتىپ كۈچلەرنىڭ ئائىلە ئەھۋالى، ئىقتىسادى، سالامەتلىكى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت دائىرىسى قاتارلىق تەرەپلەرگە بەكرەك قىزىقىدىغان بولۇپ ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى توپلايدىكەن.
ئۇلار يەنە ياشاۋاتقان دۆلەتلىرىدىكى ئۆزىنىڭ قول چوماقچىلىرى ئارقىلىق، سىياسىي ئىشلارغا ئارىلاشمىسا،ماددى-مەنىۋى جەھەتتە ياردەم بەرمىسە، تەشكىلاتلارنىڭ ھەر قانداق پائالىيەتلىرىگە قاتناشمىسا ھەمدە تەشكىلات ئەزالىرى بىلەن ئارىلاشمىسا ئۇلارنىڭ ۋەتەندىكى تۇغقانلىرىنى ۋاقتىنچە ئاۋارە قىلماسلىق، ۋەتەنگە بارماقچى بولغاندا ۋىزا ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.
ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەشكە دەۋەت قىلىشىدا،بىر قىسىم قارماققا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى يېقىنچىلىق قىلىپ ئالداش تاكتىكىسىنى ئىشقا سالىدىكەن، ئۇلارغا ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم بېرىدىغان ۋەدىلەرنى ياغدۇرۇپ، ئۇلار ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىسە بارلىق چىقىملىرىنى كۆتۈرىدىغانلىقى توپلىغان ئۇچۇرلارنى ئىككىنچى بىر ئۇلار بەلگىلىگەن دۆلەتتە تاپشۇرسا بولىدىغانلىقىنى يەنى ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەردە خىتاي ئىستىقبارات خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىگە قارىتا، ئىقتىسادى كاپالەتكە ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە ۋەتەندىكى ئۇرۇق –تۇغقانلىرىغىمۇ يېشىل چىراغ يېقىپ خاتىرجەم تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلسا ،ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ ۋەتەنگە خالىغان ۋاقىتتا كىرىپ –چىقىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىدىكەن.
تۇغقان يوقلاش بىلەن ۋەتەنگە بارغان ئۇيغۇرلارنىمۇ چاي سۆھبىتى نامىدا مېھمانخانىلارغا ئاپىرىپ، تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى بەزى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغاندىن سىرت يەنە ئۇلارنى خىتاي تاجاۋۇزچىلار ئۈچۈن داۋاملىق لازىملىق ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىشلەشكە زورلىنىدىكەن.
سۆھبەت جەريانى ھەر خىل ئىمتىيازلار ۋە قورقۇتۇشلار بىلەن داۋاملىشىدىكەن.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى پائالىيەت ۋە ھەرىكەتنى ھەممە ئۇيغۇر قىلالمايدىكەن، پەقەت ئاللانىڭ رىزاسىنى كۆزلىگەن ئاللانىڭ دىننى ئۈستۈن قىلىمەن، ئېزىلىۋاتقان مەزلۇم خەلقى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلايمەن دەپ ئاللادىن شۇنى تىلەپ، شۇنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشقان ئۇيغۇرغا ئاللا بۇ پۇرسەتنى بېرىدىكەن.
قانداقتۇر سىياسىي پاناھلىقنى شېھىتلەرنىڭ نامىنى سېتىپ ئېلىۋېلىپ، مەنزىرىلىك، ھاۋالىق يەردە ياشايمەن. ساياھەت قىلىپ ئوينايمەن دەپ نىيەت قىلىپ شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرىكەت قىلسا ئاللا ئويلىغىنىنى ۋە تىلىگىنىنى بېرىدىكەن.
خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ ھىلە-مىكرىگە ئالدىنىپ ئۆزىنى ۋە ئەۋلادلىرىنى خارلىققا مەھكۇم قىلىۋاتقانلار پەقەت ئاز بىر قىسىم ئىمانى، ۋىجدانى، غۇرۇرى يوق بىر قىسىم جان باقتىلا بۇلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خارلىققا ۋە مەڭگۈلۈك ئازابقا دۇچار بولغۇچىلاردۇر.
كۆپ قىسىم مۇھاجىرەتتكى ئۇيغۇرلار يەنە مەيدانى مۇستەھكەم ھالدا،خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا بولغان قارشى مەيدانى ئاشكارىلاپ ماددىي –مەنىۋى جەھەتتىن ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنى قوللاش،ئۇلار بىلەن ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالەتتە بىر سەپتە تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئىمكانى يار بەرگەن دەرىجىدە قوللاپ –قۇۋۋەتلەپ كەلمەكتە،سالىھ دۇئالىرى ئارقىلىق ئاللادىن ئۇلارغا ياردەم تىلىمەكتە.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندىن قوغلاپ چىقىرىلىشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى خالاس.
بۇ بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ئېلىنىۋاتقان بىر ئىمتىھان، ئاللا بىزنى زالىمغا يان تاياق بولۇپ،ئىسلام دىنىمىزغا ھاقارەت قىلىۋاتقان، ئاللانىڭ ئاجىز مەزلۇملىرىنى تۈرمىگە،ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىۋاتقان زالىم ،تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ يېنىدا تۇرامدۇ دەپ سىناش مەقسىتىدە ئېلىنىۋاتقان ئىمتىھاندۇر.