خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ تۇركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئەندىشە پەيدا قىلدىغان ئۇقتۇرۇش چىقاردى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
خىتاي تاجاۋۇچىلىرىنىڭ زۈۋانى بولغان شىنلاڭ تور بېتىدە 15-ئاپرىل تارقاتقان خەۋىرىدە بىلدۇرشىچە، 16-ئاپرىل بولدىغان تۈركىيەدىكى سايلامدا جەمئىيەتنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى تىلغا ئالغان خىتاي ئەلچىخانىسى ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تۇركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ھەمدە كارخانا،زاۋۇتلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنى ئالاھىدە ئەسەرتىپ ئادەملەرتوپلاشقان ئورۇنلارغا بارماسلىق، قاۋاقخانا، ساياھەت ئورۇنلىرى، چوڭ تىپتىكى مال سېتىۋېلىش بازارلىرى، كەچلىك بەزمىخانا قاتارلىق ئورۇنلارغا بارماسلىقىنى بىر يىلدىن تۈركىيە سىياسىتىنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى 16-ئاپرىل كۈنى ھەر قانداق سىياسىي داۋالغۇشنىڭ يۈزبېرىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيىتنىڭ داۋالغۇش ئىچىدە تۇرۋاتقانلىقىدەك ساختا ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ تۈركىيەدە بىر مۇقىمسىزلىق ،خاتىرجەمسىزلىك مەۋجۇتتەك ئەندىشە پەيدا قىلىدىغان ئۇقتۇرۇشنى تارقاتقان.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ھازىرقى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ تاللاش ھوقوقىغا ئەسلا ھۆرمەت قىلمايدىغانلىقىدەك مەيداننى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئىپادىلەپ كەلمەكتە.