خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يەركەندىكى ئۇيغۇر كادىر ۋە ئەھلى ئىلىملەرنى ھەر خىل بوھتانلار بىلەن تۇتقۇن قىلماقتا
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
ئەخەت سايىت يەركەن ناھيىسىنىڭ ھاكىمى. ئەينى ۋاقىتتىكى يەركەن قىرغىنچىلىقىدا ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى نەزىرىدىكى ئەڭ سادىق كىشى ئىدى . ئۇنىڭ يەركەن ۋەقەسىدە ئۇيغۇرلارغا ئوق چىقارماسلىق ھەققىدە پىكىر بەرگەنلىكى ئۈچۈن جازالانغان. تەڭرىتاغ تورىنىڭ2014-يىلى 23-سېنتەبىر خەۋىرىدە ، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن 28-ئىيۇل يەركەن ۋەقەسى سەۋەبلىك، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يەركەندىكى ئەمەلدارلاردىن پارتكوم سېكرېتارى خې لىمىن، ھاكىم ئەخەت سايىت، سىياسىي قانۇن سېكرېتارى چېن چياڭ، جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باشلىقى خۇ بىڭ قاتارلىق 10 نەچچە كىشىگە ئېغىر ۋە يېنىك دەرىجىدە مەمۇرى جازا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز سايرامنىڭ يوللىغان خەۋىرىدىن مەلۈم بولىشىچە، ئەخەت سايىت يەركەن ۋەقەسىدە ئۇيغۇرلارغا «ئوق چىقارماڭلار» دىگەن سۆزى سەۋەبىدىن2017-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرى «ئىككى يۈزلىمىچى » كادىرلار قاتارىدا رەسمى قولغا ئېلىنغان.
ئىگەللىشمىزچە، يەركەن ناھىيىسىدىكى چوڭ مەسجىدنىڭ خاتىپى ياسىن ئەلى، يەركەن ناھىيىسىدىكى ئەڭ چوڭ دىنى ئالىم، يەركەن ئالتۇن مەسجىدنىڭ ئىمامى مۇختەر مەخسۇم قاتارلىقلارمۇ قولغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ،يەركەندىكى كىشىلەرنىڭ ئەڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن دىنى ئالىم مۇختەر مەخسۇمغا ئەسەبىيلىك ئىدىيىنى تەرغىپ قىلغان، مەسچىتنىڭ ئىقتىسادىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان ھەمدە سەككىز ياشلىق قىزغا باسقۇنچىلىق قىلغان دىگەن تۆھمەت بىلەن جىنايەت ئارتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان.
2015 -يىلى ياسىن ئەلى باشچىلىقىدىكى 11 دىنى زات «جۈمە خۇتبىسى» ناملىق بىر كىتاپ تۈزگەن. بۇ كىتاب شۇ ۋاقىتتىكى ناھىيە ھاكىمى بولغان ئەخەت سايىتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن بېسىپ تارقىتىلغان. 2017- يىلى 3- ئايدا بۇ كىتاپتا «ئەسەبى ئىدىيە»لەرنى تەرغىپ قىلغان دېگەن باھانە بىلەن ياسىن ئەلى ياسىن قاراجىم باشچىلىقىدىكى 11 دىنى ئالىم قولغا ئېلىنغان. ناھىيە ھاكىمى ئەخەت سايىتقا «ئەسەبى ئىدىيە»لىك كىتاپنى تەستىقلىغان دىگەن جىنايەتنىمۇ ئارتقانلىقى مەلۈم.
ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ئومۇميۈزلۈك دىنى مەلۇماتقا ئىگە كىشىلەرنى «كىچىك، قۇرامىغا يەتمىگەن قىزلارغا باسقۇنچىلىق قىلغان» دىگەن تۆھمەتلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا. دىنى ئالىملارغا بۇنداق تۆھمەتلەرنى ئارتىپ تۇتقۇن قىلىشتىكى مەقسەد ئۇلارنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئابرويىنى يەرگە ئۇرۇش بولۇپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يەنە سازايى قىلىش يىغىنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر يېزىدىكى دىنى زاتنى باشقا بىر يېزىدىكى خەلققە «قىزلارغا باسقۇنچىلىق قىلغان» دەپ تەشۋىق قىلماقتا.
دىمەك ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھەر خىل ۋاستىلەرنى قوللۇنۇپ خەلقىمىزنى بىر-بىرىگە دۇشمەن قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، ھەقىقى دۇشمەن بولغان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا بولغان دىققەتنى بۇرىۋىتىشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقى ئايان بولماقتا.