خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا «قاپقاق ئېچىش»نامىدا سىياسىي ھەركەت ئېلىپ بارماقتا
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز سايرامنىڭ يوللىغان ئۇچۇرلىرىدىن مەلۈم بولىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى «مەسىلىسىنى تاپشۇرۇش»نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي ھەركەت داۋامىدا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى «مەسىلىسىنى تاپشۇرۇش»قا مەجبۇرلاپ، ئۆيىدە ناماز ئوقۇش، تەبلىخ ئاڭلاش ۋە ياكى جىھات فىلىمى ساقلاش قاتارلىق ئاتالمىش «جىنايەت»لەردىن باشقا يەنە قانۇنسىز تەشكىلات قۇرغان ياكى شۇنداقلارغا ماددى -مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم بەرگەن ھەمدە مىللىي ئۆچمەنلىكى تۈپەيلىدىن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ھەركەت قىلىشنى پىلان قىلغان دېگەندەك سادىر قىلىنمىغان «جىنايەت»لەرنىمۇ تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلاش ئارقىلىق، ھازىرغىچە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى ناھىيىلىرىدە كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقى ئاشكارا بولدى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىزنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە «مەسىلىنى تاپشۇرۇش» ھەركىتى ئاياقلاشماي تۇرۇپ يەنە يېڭىدىن «قاپقاق ئېچىش» ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقى مەلۇم. بۇ ھەركەتتە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى كەنتتىكى ئۇيغۇرلارنى بىر يەرگە يىغىپ توپلايدىكەن .ئاندىن موتورلاشقان قوراللىق قىسىملىرى بىلەن يىغىلغان خەلقنى قورشاۋغا ئالىدىكەن ھەمدە خەلق ئاممىسىنى ئۆزىنىڭ يوشۇرۇپ دېمەي قالغان مەسىلىلىرىنى تاپشۇرۇشقا قىستايدىكەن. ھېچكىمنىڭ مەسلە يوقتى، دەپ قۇتۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن .چوقۇم مەسلە تاپشۇرۇشى شەرت ئىكەن. نەتىجىدە خەلق مەسىلىسىنى تاپشۇرسىمۇ، تاپشۇرمىسىمۇ قوراللىق خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىۋاتقانلىقى، ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتقان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە 70ياشتىن تۆۋەن 16ياشتىن يۇقىرى بولغان ئەر، ئايال ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ ئالدىنىڭ 20يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماققا، كەينىنىڭ 10يىللىق قاماققا مەھكۈم قىلنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى كۆپلىگەن مەسچىتلەردە جۈمە كۈنىدە ئوقۇلىدىغان خۇتبە بىكار قىلىنىپ، ئەزاننى مەسچىت ئىچىدە توۋلاپ، جامائەتنىڭ نامازنى تېز ئوقۇپ تارقىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى ھەمدە جۈمە نامازنىڭ يەرلىك كادىر ۋە ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ كۈندە زۇلۇمنىڭ يېڭى_يېڭى ئۇسۇللىرىنى بارلىققا كەلتۈرىۋاتقانلىقى ئاشكارا بولماقتا.