خىتتاي ۋە مۇسۇلمانلار قارا تىزىملىكى
دۇنيا تارىخىدا شانلىق مەدەنىيەتلەرنىڭ ساھىبى بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ بۈگۈنكى رىئاللىقى، ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلىدۇ. مۇسۇلمانلارغا يېتىۋاتقان ھەر بىر ئەرزىيەت ۋە مۇسىبەتنىڭ ئارقىسىدا، ئامېرىكا ۋە روسىيە باشچىلىقىدىكى يەھۇدى، خىرىستىئانلارنىڭ قولى بارلىقى ھېچكىمگە سىر بولمىغان ھەقىقەت. ئەمما، بۇ يەردە شۇنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، زېمىن يۈزىدىكى ئەڭ ياۋۇز ۋە قەبىھ، غايە – مەقسەدلىرىنى چىرايلىق نەزىرىيەلەر بىلەن پەردازلاپ، سىياسى ھىيلە – نەيرەڭلىرى بىلەن مۇسۇلمانلار ئۈچۈن تېخىمۇ قورقۇنۇشلۇق بولغان رەزىل، بەتبەشىرە قىياپىتىنى يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان كومىنىست خىتتاينىڭ قولى، ھەرگىزمۇ بۇ قوللاردىن قېلىشقىچە ئەمەس. يەھۇدى ۋە ناسارالار بولسا، ئىسلامنىڭ ئۆزلىرى بىلەن مەلۇم ئورتاقلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ يېمەك – ئىچمەكلىرى، شۇنداقلار قىزلىرى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ تويلىشىش جەھەتلەردە، بىر قەدەر ئېتىبار بېرىشلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىش بىلەن بىرگە، ئىمان جەھەتتىن ئۆزلىرىنىڭ بىر پۈتۈن رەت قىلىشقا ئۇچرايدىغانلىقىنى ھەم بىلىدۇ. خىتتاي كومىنىستلىرى بولسا، ئىسلام بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھېچقايسى جەھەتتىن، مەيلى ئىجتىمائى، سىياسى، ئەقىدىۋى ھالەتلەردە ئەسلا كىچىككىنىمۇ بىر ئورتاقلىقنىڭ يوقلىقىنى، جۈملىدىن ئىسلامدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن ئىككىسى ئىككى دۇنيا بولغاچقا، زەررىچە يېقىنلىشىشنىڭ پەقەتلا مۈمكىن ئەمەسلىكىنى ئۇلاردىنمۇ ئېنىق بىلىدۇ. دېمەك، خىتتاي كومىنىستلىرى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خەۋپنىڭ، پەقەت ئىسلامدىن كېلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەن.
ئۇنداقتا، كومىنىست خىتتاينىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن شۇ قەدەر چوڭ خەۋپ ۋە تەھدىت بولغان دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا نىسبەتەن، ئارىدا ھېچقانداق دۈشمەنلىك يوقتەك كۆرۈنۈشتە تۇرۇۋېلىشىنى قانداق چۈشىنىش كىرەك؟ بۇ كۆرۈنۈشنىڭ ئارقىسىدىكى سىر زادى نېمە؟
بۇ ھەقتە توختىلىشتىن ئىلگىرى، بىز خىتتاي مىللىتىنىڭ ئەسلى پسىخىكىسى ۋە خاراكتىرى ھەققىدە بىر ئاز چۈشەنچە ھاسىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
خىتتاي مىللىتى ئەزەلدىن قۇللۇق ۋە خارلىق ئاسارەتتە ياشاپ كەلگەن خەلق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ۋوجۇدى ۋە قان – قېنىغا سىڭىپ كەتكەن بۇ خىلدىكى پەس، چىركىنلىكلەر نۇرغۇن تارىخى ئۆزگۈرۈشلەر تەسىرىدە، بارغانچە ئۇلارنىڭ ئەسلى تەبئىتى ۋە خاراكتىرىدىكى مىجە ز- پسىخىكىسى بولۇپ يېتىلگەن. ئۇلار تارىختا ھېچبىر زامان مۇكەممەل ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولۇپ باقمىغاچقا، پەقەت قۇللۇق ۋە باشقۇرۇلۇش ئاستىدا، ئۆزلىرىنىڭ ھاياتلىق يولىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بارلىق ئامال چارىلەر بىلەن، خۇشامەت ۋە ھىيلە نەيرەڭلەرگە تولغان بىر ھاياتلىق ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. شۇڭلاشقا بارلىق تارىخى مىراسلىرىغا قارايدىغان بولساق ئالدامچىلىق، ساختىپەزلىك، قۇۋ – ھىيلىگەرلىك، خۇشامەت، ھەتتا ئىنسان تەبئىتىدە بولمىغان بەزى رەزىل چىركىنلىكلەرنى بايقايمىز. ئۇلارنىڭ بۇ خىل پەس تەبئىتى ئۇلارنى ياشاش بەدىلى ئۈچۈن غورۇر، ئىپپەت، قىممەت قاراش دېگەنلەرنى ھېچ ئىككىلەنمەي تۆلىيەلەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەن. ھەتتا ياشاش ئۈچۈن ئۈنگەن ۋە قىمىرلايدىغان جانلىقلارلا ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ ئاتا – ئانا، قېرىنداشلىرى، ھەتتا پەرزەنتلىرىنىمۇ مەزىلىك يېمەكلىك ئورنىدا ئىستىمال قىلالايدىغان، ھايۋاناتلار ئالىمىدىمۇ تېپىلمايدىغان بۇ خىل ئىنسان ئەقلىيىتىدىن ھالقىغان، تەبىئەت ئۇلار ئۈچۈن ئادەتتىكى بىر تەبىئىيلىك بولۇپ قالغان. زۇلۇم، ئاسارەت، خار – زەبۇنلۇق، ۋىجدانسىزلىق ۋە ھىيلە – مىكىر بىلەن تولغان خىتتاينىڭ ھاياتلىق مۇساپىسى ئاخىرقى ھىسابتا، بۇ خىل مەۋجۇدلۇقنى ياشاش ۋە ھايات كەچۈرۈشنىڭ مۇقەررەر يولىغا ئايلاندۇرغان. ئۇلار ئۈچۈن ئادالەت، ئەخلاق، ئىپپەت، دۇرۇسلۇق ۋە ھەققانىيەتلەر ھېچبىر ئېتىبارسىز نەرسىدۇر. ئۇلار ھەم ئۆز تەبىئىتىگە سىڭگەن شۇ مۇھىتتىن باشقىنى چۈشەنمەيدۇ ياكى خالىمايدۇ.
20- ئەسىردىن كېيىن مۇستەقىل ھالەتتە رەسمى ئۇلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن ھاكىمىيەت، ئۇلارنىڭ ئۆز تەبىئىتىدىكى بۇ چىركىنلىكلىرىنى ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسى سۈپىتىدە رىئاللىققا ئايلاندۇردى. نەتىجىدە ئۆز ھاكىمىيىتى دائىرىسىدىكى ھەرقانداق مىللەت ياكى كىشىلەرنىڭ مەيلى دىنى، مىللى، ئەخلاقى، مەدىنىيەتلىرى بولسۇن ھەممىسى ئېتىبارسىز قالدۇرۇلدى. بارلىق ئىنسانلار ئۇلارنىڭ تەبىئىتىدىكى رەزىل ۋە چىركىن قۇللۇق ئاسارەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا، ئىنسانى پىترەتتىكى ئەقلىيەتتىن ھالقىپ خار، زەلىل تۇرمۇش ئىسكەنجىسىدە ياشاشقا مەجبۇر بولدى. زورلۇق – زۇمبۇلۇقلار، قۇۋلۇق، شۇملۇقلار، ئېچىنىشلىق نالە – پەريادلار جەمىئىيەتنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنىشى بولۇپ ئىپادىلەندى. ئەزمىگەنلەر ئېزىلىدىغان، ئالدىمىغانلار ئالدىنىدىغان، يىغلاتمىغانلار يىغلايدىغان، غورۇرسىز، ۋىجدانسىز بولمىغانلار خارلىنىدىغان، ئەخلاق ۋە ھايادىن چەتنىمىگەنلەر ئاياق – ئاستى قىلىنىدىغان ئومۇمىي ۋەزىيەت شەكىللەندى. بۇ خىلدىكى ھاياتلىق بۇلار ئۈچۈن نۇرمال بىر ھاياتلىق شەكلى بولۇپ ھېسابلىناتتى.
ئەمدى ئەسلى گىپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، بۇ خىلدىكى ئەقلىيەتتىن ھالقىغان ياشاش پەلسەپىسىگە قارشى تۇرۇشتا ۋە ئۇنى ئەمەلىي ھەرىكەتلەر بىلەن ئۆزگەرتىشتە، پەقەت ئىسلام دىنىنىڭلا باشقا ھەرقانداق كۈچ ۋە ئىدىيە – ئاڭ سېستىمىسىغا قارىغاندا، ئەڭ ئاكتىپ ۋە ھەرىكەتچان ئكەنلىكىنى، بۇ نوقتىدىن بىرىنچى نۇمۇرلۇق دۈشمەننىڭ ئەسلى ئىسلام دىنى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن خىتتاي كومىنستلىرى، 2000- يىللاردىن كېيىنكى قارا تىزىملىك جەدۋىلىنىڭ باش بېتىدە، مۇسۇلمانلارغا ئالاھىدە ئورۇن بەردى. بولۇپمۇ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بۇ تىزىملىكنىڭ باش تېمىسى بولۇپ بەلگىلەندى.
خىتتاي كومىنىستلىرى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ مۇھىم نىشانىنى بېكىتكەندىن كېيىن، قارا تىزىملىكىدىكى بۇ كىشىلەرگە ئۈنۈملۈك زەربە بېرىشتە، ئامېرىكا ۋە روسىيەنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىدىن يەكۈنلىگەن تەجىرىبىلىرىگە ئاساسەن ئاجايىپ قۇۋلۇق، ھىيلە – مىكىر ئويۇنلىرىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقتى.
ئەۋۋەل ئىشنى ئۆزىنىڭ بىۋاستە قولى يېتىدىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدىن باشلاش ئۈچۈن، بىرىنچى قەدەمدە دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا بولغان دۈشمەنلىكىنى يوشۇرۇپ، ئۇلارغا يالغاندىن دوسلۇق بىلدۈرۈش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى قوللايدىغانلىقىدەك بىر يالغان كۆرۈنۈشنى ياساپ چىقتى. ھەمدە ۋەتەن ئىچىدە ئۆزلىرى بىر قوللۇق يېتىشتۈرۈپ چىققان، كېلىپ چىقىشى نامەلۇم بولغان بىر بۆلۈك «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات»لارنى ئىشقا سېلىپ ئۇلارنىڭ زۇۋانى ئارقىلىق «خىتتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان تۈپرىقىدا ئاجايىپ كەڭرى سىياسەت يۈرگۈزىۋاتقانلىقى، ئىسلام دىنىنى قوللاپ -قۇۋۋەتلەۋاتقانلىقى، خىتتاي دەۋرىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئالەمشۇمۇل ئىسلامى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى»دىن ئىبارەت قاپقارا يالغان سەپسەتىلەرنى خەلقئاراغا بولۇشىچە تۆكمە قىلىپ، ئىسلامنىڭ ئادەتتىكى بىر ئەھكاملىرى بولغان ساقال ۋە ھىجاپ، كىيىنىش ۋە دەۋەتلەر ئۈچۈن خىتتاي تەرىپىدىن ھەر كۈن ئۆلتۈۈرلىۋاتقان، تۈرمىلەرگە سولىنىۋاتقان، ئېغىر قىيىن -قىستاقلار ئىچىدە ھەر خىل شەكىلدە مىيىپ بولۇۋاتقان، نەچچە يۇز، نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا شۇ قەدەر ۋەھشى، قانخور، ئادەملىك تەبىئىتىدىن ھالقىغان قىلىپ كۆرسىتىپ، ئەسلى ئۆزلىرىدە بار بولغان تامامى سۈپەتلەرنى ئۇلارنىڭ سۈپىتى قىلىپ مەيدانغا ئېلىپ چىقتى. نەتىجىدە تاجاۋۇزچى، دىنسىز، كاپىر، مۇشرىك، زالىملىقتىن ئىبارەت بارلىق سۈپەتلەر جەم بولغان، بۇ خىتتايدىن ئىبارەت كومىنىستلارنىڭ، شەرقىي تۈركىستان تۇپرىقىدىكى دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىر پارچىسى بولغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى، خالىغانچە قىرغىن قىلىش، ئاياق – ئاستى قىلىش، دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايى قىلمىشلىرىنى كۆزلەر كۆرمەس، قۇلاقلار ئاڭلىماس بىر ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ بىرىنچى نۇمۇرلۇق قارا تىزىملىكىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئۆلتۈرۈش، ئاياق ئاستى قىلىش ئۇلار ھەققىدە نېمىنى خالىسا شۇنى سىياسەت قىلىپ بەلگىلەپ، ئىنسانىي ۋە مۇسۇلمانلىق قەدىر – قىممەتلىرىنى پايمال قىلىشتىن ئىبارەت جىنايى ھەرىكەتلىرىنى، يەنە شۇ خىتتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قارا تىزىملىكىنىڭ باش بېتىدە ئورۇن ئالغان، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ سۈكۈت قىلىشى، ھەتتا بەزىدە قوللاپ ھەمكارلىشىشى بىلەن، قارشىلىقسىز ھالدا بىخارامان ئىشقا ئاشۇرۇپ كەلمەكتە.
ئېچىنىشلىق رىئاللىق شۇكى، خىتتاي كومىنىستلىرى ئاللىبۇرۇن مۇسۇلمان ئاتلىقلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ قاراپ، مەيلى قەلب تۆرىدىكى قارا تىزىملىكتە بولسۇن ياكى ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مەخپى قارا تىزىملىك خاتىرىسىدە بولسۇن، ئەڭ خەتەرلىك دۈشمەن دەپ رەت تەرتىپكە تۇرغۇزغان بولسىمۇ، ئەمما، خىتتاينىڭ بۇ يەڭ ئىچىدىكى خەنجىرىنى كۆرمەستىن، كۆز ئالدىدىكى كىچىككىنە دۇنيا مەنپەئەتىگە ئالدىنىپ كېتىۋاتقان دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ئاھۇ – زارىنى ئاڭلىماسىلىقى ۋە ئاڭلىماس بولۇۋېلىپ، ئەسلى دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىرىنچى نۇمۇرلۇق قارا تىزىملىكىدە ئورنى بولۇشقا تېگىشلىك بولغان خىتتاينى بۇ تىزىملىكتىن چۈشۈرۈپ قويۇشىدۇر.
مۇسۇلمانلارنىڭ قارا تىزىملىك جەدۋىلىدە، ئۆزلىرىنىڭ بولماسلىقىنى بىر پۈرسەت دەپ بىلگەن ھىلىگەر، تاجاۋۇزچى خىتتاي كومىنىستلىرى يەنە بولدى قىلماستىن، ئۆز ئۇسسۇزلىقىنى ئۇلارنىڭ قانلىرى بىلەن قاندۇرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ قارا تىزىملىك جەدۋىلىدىن ھەم ئۆزلىرىنى تامامەن يۇيۇپ چىقىرىۋىتىش ئۈچۈن، توختىماي ھەرىكەت قىلىپ كەلمەكتە. بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس «كومىنىزىمچە ئىسلام»دا تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن ئىلىمسىز، تەۋھىدسىز بىر بۆلۈك دىنىي كەسىپدارلارنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ: «ئىسلامدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى يەھۇدىيلاردۇر، ناسارالاردۇر،» دېيىش ئارقىلىق، باتىل مەقسەد قىلىنغان ھەق سۆز بىلەن، ئاللاھنىڭ ۋە تامامى پەيغەمبەرلەرنىڭ دۈشمىنى، شۇنداقلا بىزنىڭ ۋە تامامى ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ۋەھشى دۈشمىنى بولغان خىتتاي كومىنىستلىرىنىڭ بۇ قاتاردا بار ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ كەلمەكتە. نەتىجىدە، ئىنسان پىترىتىدىكى دۈشمەنلىك ئۇقۇمىنى پەقەت يەھۇدى، ناسارالارغىلا خاسلاشتۇرۇپ، ئىماننىڭ تەقەززاسى بولغان «ئەلۋەلا ۋەلبەرا» ئەقىدىسىدىكى دۈشمەنلىك ۋە ئۆچمەنلىكنى تارايتىپ، ئەسلى خاراكتىرىدىن يوق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.
مەن شۇنى دەيمەنكى: يەھۇدى ھەم ئاللاھنىڭ دۈشمىنىدۇر، خىرىستىئان ھەم ئاللاھنىڭ دۈشمىنىدۇر. بىز شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەككى، خىتتاي ھەم ئاللاھنىڭ دۈشمىنىدۇر. بىزنىڭ ۋە شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ، جۈملىدىن جانسىز ۋە جانلىق تامامى تەبىئەتنىڭ ھەمدە كائىناتنىڭ دۈشمىنىدۇر. بۇ دۈشمەن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى، شۇنداقلا بىرىنچى قەدەمدە شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى قارا تىزىملىكىنىڭ باش بېتىگە ئالغان كەبى، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قارا تىزىملىك باش بېتىدىن ئورۇن ئېلىشى كېرەك بولغان بىرىنچى نۇمۇرلۇق دۈشمەندۇر. بۇ ھەرگىزمۇ جەريان تەلەپ قىلىدىغان مەسىلە ئەمەس.
شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى، ھەم شۇنى چوقۇم تونۇپ يېتىشى كېرەككى، خىتتاي تاجاۋۇزچى كومىنىستلىرى ئاللاھنىڭ، تامامى پەيغەمبەرلەرنىڭ، شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق مەۋجۇدلۇقنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى قارا تىزىملىك جەدۋىلىنىڭ باش تېمىسى «خىتتاي تاجاۋۇزچى كومىنىستلىرى» بولۇشى كېرەكلىكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك.
ئابدۇرەھىم پاراچ
3 ئىنكاس
abusafiya
يازما ئىنتايېن ياخشى يېزىلىپتۇ
ماھىرە
ئاللاھ ئۇستازنىڭ ئەجرىنى بەسۇن،ياخشى يازما ئىكەن، بىكەت باشلىقى بىلەن قانداق ئالاقىلىشىمىز،
admin
mediauyghuria@gmail.com مۇشۇ ئېلخەت ئادرىسى ئارقىلىق باشقۇرغۇچى بىلەن ئالاقىلىشىڭ.