ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز ئۇيغۇرىستان خەلقى! خىتتايلار ئىشغالى ئاستىدىكى ۋەتىنىمىزدە ئۇيغۇر ۋە قېرىنداش خەلقلەرنىڭ تىل – يېزىق، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئېتىقادىنى قوغداش ھەققىدە يۈزلىگەن خەلقئارا قانۇنلارغا ئىمزا ئاتقان بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا باشلىدى. خىتتايلار ئۆزىنى نىقاپلاپ كۆرسۈتۈپ، مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىز، مىللىي مەدەنىيىتىمىز ۋە دىنىي ئېتىقادىمىزنى يوقۇلۇش گىرداۋىغا ئىتتىرىپ كەلدى. لېكىن بىز ئۇنىڭ سۈرۈشتىسىنى ياخشى قىلالمىغاچقا، بارىدىغان يەرگە بېرىپ، دەيدىغان گەپنى قاملاشتۇرۇپ قىلالماي بېشىمىزنى قاپاقتەك گىلدىڭشىتىپ يۈرىۋەرگەچكە ئىشلار بارغانچە يامانلىشىپ كەتتى ۋە ئەڭ ئاخىرقى مىللىي قەدىرىيەتلىرىمىزدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىمىز!
ئەگەر بىز نۆۋەتتە دۇچ كەلگەن تىل- يېزىق، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئېتىقات مەسىلىسىدە توغرا بىر قەدەم تاشلىيالمىساق، خەلقئارا جەمئىيەت بىزنى كېلىدىغان بىر قانچە يىل ئىچىدە مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتقان يەنى ئۆلگەن مىللەت دەپ مۇئامىلە قىلىدىغان بولىدۇ.
بىز تىرىك تۇرۇپ ئۆلۈكلەرنىڭ ئارىسىدا ياشاشنى خالىمايمىز! بىز ھۈر تۇرۇپ قۇللارنىڭ ھاياتىنى ياشىماقنى ئىستىمەيمىز! بىز بىلىپ تۇرۇپ ئىلغار بىر مەدەنىيەتنى پەسكەش چۈپرەندە بىر مەدەنىيەتنىڭ ئاستىدا تۇنجۇقتۇرۇپ قويۇشنى خالىمايمىز!
خىتتاي ئىشغالىيەت رايونى ھېساپلانغان ۋەتىنىمىزدىكى ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادى مەسىلىسىنى ھەرقانداق بىر دۆلەتتىكى ھەرقانداق بىر باشقا ئېتنىك توپلۇقلارنىڭ تىل – يېزىق، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئېتىقات مەسىلىسىگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ! خىتتايلارنىڭ مىللىي دۆلەتلەرنى دوراپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىل مەدەنىيەت ۋە ئېتىقاد مەسىلىلىرىگە چەك قويۇشى خەلقئارادا ئۇرۇش جىنايىتىدىنمۇ ئېغىر خاتالىق بولۇپ، ئۇيغۇرلار نارازىلىق بىلدۈرسە سۈرۈشتىسى بولىدۇ، بىلدۈرمىسە خىتتايلار قانداق پىلانلىسا شۇنداق بولىدۇ!
ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك قەدرى – قىممىتى، مەدەنىيىتى، تىل – يېزىقى ۋە دىنسىز ياشىيالمايدۇ! ئۇنىڭدىنمۇ ئايرىلىپ ياشىغاندىن كوللىكتىپ قىرىلىپ كەتكىنىمىز تېخىمۇ ئەۋزەل!
بىز ھۈر دۇنيادىكى بارلىق ۋەتەنداشلارنى خىتتايلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلىقىمىزنى خەتەر ئاستىغا ئىتتىرىۋاتقان قەبىھ جىنايەتتىن توسۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان تىنچلىق شەكىلدىكى دۇنياۋىي ھەرىكەتكە دەۋەت قىلىمىز!
خىتتايلار نوپۇسى 20 مىليوندىن ئاشىدىغان بىر مىللەتنىڭ يەنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىل – يېزىقىنى تامامەن چەكلەش ئالدىدا تۇرىدۇ! مەلۇم بولىشىچە خىتتاي ھۆكۈمىتى ۋەتىنىمىزدە 2017 – يىلدىن باشلاپ 2020 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا مىللىچە تىل – يېزىقتىكى دەرسلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى خىتتاي تىل – يېزىقىغا ئايلاندۇرۇۋېتىش ھەققىدە رەسمىي قارارلارنى ئالغان بولۇپ، ئەگەر بىز بۇنىڭغا ھېچقانداق نارازىلىق بىلدۈرمىسەك، خەلقئارا قانۇنلارنىڭ روھىغا ئاساسەن تىنچ شەكىلدىكى ئاسسىللىماتسىيە، دەپ قارىلىپ جىنايەت ھېسابلانمايدۇ ياكى سۈرۈشتىسى بولمايدۇ! ئەگەر بىز تىل – يېزىقىمىز، مەدەنىيىتىمىز ۋە دىنىي ئېتىقادىمىزنى قوغداش ئۈچۈن پائال ھەرىكەتكە كەلسەك، ئۇ ھالدا خىتتاي دۆلىتى خەلقئارادا بۇ مەسىلىدە ئۆزى بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان قىيىن مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ ۋە مىللىي قەدىرىيەتلىرىمىزگە بۇنداق ئوچۇق – ئاشىكارە قارشى تۇرالمايدۇ!
ھەي، پۈتۈن دۇنيادىكى ۋىجدانلىق ئۇيغۇرلار، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بۇ ۋەھشىي قىلمىشىغا قارشى قايسى شەكىلدە بولمىسۇن پۈتۈن دۇنيا بويىچە قاتتىق نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرەيلى!
ئىلگىرى بۇنداق ئىشلارنى ۋەتەندىكىلەر قىلاتتى، ھازىر ئۇلار چىڭراق نەپەسمۇ ئالالمايدۇ. بىز ھۈر دۇنيادا تۇرۇپ يەنە جىم تۇرساق ئانىمىزدىن ئەمگەن سۈت ھارام بولىدۇ، ئىماندىن چىقىپ كاپىر بولۇپ كېتىمىز! مىللىتىمىز ئالدىدا يۈز كېلەلمەيمىز!
ۋەتەننى ئازات قىلىش مانا مۇشۇنداق جىددىي پەيتلەردە بىر ئىشنى بىرلىك – باراۋەرلىك ئىچىدە قىلالايدىغان ۋە قىلالمايدىغانلىقىمىزنى سىنايدىغان نازۇك بىر كۆۋرۈكتىن ئۆتىدۇ!
ھازىردىن باشلاپ دىدار كاتىپ، فەيسبۇك، سىكايپى، سمس ماسسىنگىر، تىۋىتتىر، ۋاتساپ، ئۈندىدار، لىنكەدىلىن، ئىنستاگرام، ئىمائىل ۋە يەنە باشقا ماسسىنگىرلاردىن پايدىلىنىپ خىتتايلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى قاتارلىق تىللارنى تامامەن چەكلەش ھازىرلىقىغا قارشى يەككە ۋە كوللىكتىپ ھالدا خەلق ھەرىكەتگە ئۆتەيلى!
ئىنگلزچەم، گېرمانچەم ۋە تۈرۈكچەم… يوق دەپ قالماڭ! بىز مىللىتىمىزنىڭ ئاۋازىنى يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىۋاتقان ئورۇنلار، ئۇيغۇر تىلى ئارقىلىق بىر جۈملە ئۇ ياقتا تۇرسۇن ھەتتا پەقەت بىر دانە سۆز يازسىڭىزمۇ ئۇدۇللۇق تەرجىمە قىلىپ يوللايدىغان يەرگە ئەۋەرتىپ تۇرىدۇ! تىلدىن ھەرگىز باش قاتۇرماي ھەتتا تەشكىلاتلاردىن ئەمىر – مەرۇپ ساقلاپ ئولتۇرماي دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈڭ ۋە خىتتايلارنىڭ مىللىي مائارىپىمىزدىن ئۇيغۇر ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى پۈتۈنلەي چەكلەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەت تېرورىغا قارشى نارازىلىقىڭىزنى توختىماي داۋاملاشتۇرۇڭ!
تىلىمىز، دىنىمىز ۋە مىللىي مەدەنىيىتىمىز يوقالسا بىز يوقۇلىمىز!
خىتتاينىڭ تىلىمىز، دىنىمىز ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرىمىزگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان قەبىھ قىلمىشى خەلقئارا قانۇنلاردا ناھايىتى ئېغىر جىنايەت بولۇپ، بىز ئەرز قىلمىساق ھېچكىم سورىقىنى سورىمايدۇ.
ھەي غورۇرلۇق، نومۇسلۇق ۋە ۋىجدانلىق ئۇيغۇرلىرىم خىتتايلارنىڭ مىللىتىمىزنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىشتىن ئىبارەت ۋەھشىي پىلانىغا پۈتۈن دۇنيا بويىچە ھەر خىل شەكىلدە نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرەيلى!
ئۇيغۇرىستان كۈلتۈر مەركىزى
25.07.2017