مىللى كىملىگىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىز يوقىتىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتتايلاشتۇرۇلۇۋاتقان،سىياسى، ئىقتىسادىي، دىنىي ھوقۇق ئەركىنلىكلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغان مىليونلىغان ئورۇق – تۇققان، قەۋمى – قېرىنداشلىرىمىز لاگېرلارغا سولانغان مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، خىتتاي ھۆكۈمىتى يالغان ھوقۇق بېرىش تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇپ، خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنماقتا.
خىتتاي تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرىدىن ئىگەللىشىمىزچە، چېن چۈەنگو ئاتالمىش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنى چاقىرىپ،« ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل يېزىقىنى ئىشلىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۆرپ ئادىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىش، مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىگى سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئاز سانلىق مىللەت زىيالىلىرىنى تەربىيەلەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ،ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش كېرەك…» دېگەندەك، گەرچە خىتتاي ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇرلارغا ئېتنىك قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان، نەچچە مىليون ئۇيغۇر تۈرمىلەرگە قامالغان، ئۇيغۇر تىل- يېزىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر مىللى كىملىكى تەتۈر ساناق باسقۇچىدا كېتىۋاتقان بولسىمۇ، خىتتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا نومۇسسىزلارچە، يۇقارقىغا ئوخشاش پۈتۈنلەي يالغانلاردىن توقۇلغان خەۋەرلىرىنى تارقىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
خىتتاي ئاخبارات تارماقلىرى خەۋەرلىرىدە، خۇددى ئىلگىرىكىدەكلا مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىق ھوقۇقى، باراۋەرلىكى ھەققىدە نومۇسسىزلارچە بىلجىرلىغان بولۇپ سەبىر قىلغۇسىز بۇ يالغانلارغا بىز ئىختىيارسىز ھالدا پەقەت قانلىق خىتاب ۋە قان- قىساسقا تولغان سۇئال – سوراقلىرىمىز ئارقىلىقلا جاۋاب قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولىمىز.
ئەگەر خەۋەردە دېيىلگەندەك مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىق ئىشلىتىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ھوقۇقى بار بولسا ئۇنداقتا مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكلىرى قېنى؟ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى يەسلى مائارىپىدىنمۇ سۈپۈرۈپ تاشلاندى؟ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا بىردەك ئۇيغۇر تىل يىزىقىنى قوللىنىش نېمىشقا چەكلەندى؟ خىتتاينىڭ يېڭى بېسىلغان پۇلىدىكى ئۇيغۇرچە خەت نېمىشقا چىقىرىۋېتىلدى؟
ئەگەر خىتتاي دېگەندەك مىللەتلەر ھەقىقەتەن باراۋەر بولسا، نېمە ئۈچۈن ئومۇمىي نوپۇسى 500 مىڭدىن ئاشىدىغان قاراماي شەھىرىدىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئاران %10 نى ئىگەللەيدۇ ؟ نېمە ئۈچۈن ئاقسۇ ئارالدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىمۇ ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %10 تىنى ئىگەللەيدۇ؟
مىللەتلەر باراۋەر بولسا نېمىشقا بانكا – تېلگىراف سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت كارخانىلىرىدا، ئۇيغۇرلار ئومومىي نوپۇستا ئىگەللىگەن نىسبەتتە ئەمەس؟
نەچچە مىليون ئۇيغۇر « مىللى بۆلگۈنچى” لىك بىلەن ئەيىبلەندى، ئۇنداقتا زادى قانچىلىك خىتتاي مىللىي بۆلگۈنچىلىك بىلەن تۈرمىگە ئېلىندى؟
مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىگى قوغدالغان بولسا، نېمە ئۈچۈن مەسچىدلىرىمىز چېقىلدى؟ نېمە ئۈچۈن رامىزاندا، ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرى ھاراق ئىچكۈزۈلۈپ، تاماق يىگۈزۈلدى؟
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەرغىپ قىلىدۇ – يۇ، كوچىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا نېمىشقا ئۇيغۇرلار تەكشۈرۈلىدىغان كۆزنەك باشقا خىتتايلار تەكشۈرۈلىدىغان كۆزنەك باشقا؟
جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر ھالقىسىدا ئۇيغۇرغا بولغان كەمسىتىشنى ئېنىق پەرق ئەتكىلى بولىدىغان بۈگۈنكى كۈندە، خىتتاينىڭ مىللەتلەر باراۋەرلىكىنى ئېغىزغا ئېلىشى نۇمۇسسىزلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
