30- ماي، خىتتاي سودا مىنىستىرلىكى خەۋەر باياناتچىسى گاۋفىڭ مۇخبىرلار سورىغان:« خىتتاي تەرەپ ئامېرىكىغا سىرەك توپا ئېكىسپورت قىلىشنى چەكلىمەكچىمۇ؟» دېگەن سۇئالغا جاۋابەن:« ئەگەر ھەرقانداق دۆلەت خىتتاي ئېكىسپورت قىلغان سىرەك توپا ئارقىلىق ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلات بىلەن، خىتتاينىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلماقچى بولىدىكەن، ئۇنى قوبۇل قىلىش تەس» دېگەن.
دەسلەپتە خىتتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى شى جىنپىڭنىڭ جياڭشىدىكى سىرەك توپا بازىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىنى كۈچەپ ئېلان قىلدى. ئاندىن خەلق گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە:« خىتتاينىڭ ئىمبارگوغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا سەل قارىماسلىق، ئەگەر ئامېرىكا خىتتاي ئېكىسپورت قىلغان سىرەك توپا ئارقىلىق خىتتاينىڭ تەرەققىياتىنى توسايدىكەن، خىتتاي ھەرگىز ماقۇل كۆرمەيدۇ» دېدى. 2010- يىلى خىتتاي ياپونىيە بىلەن ئارال تالىشىپ مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەندە، ياپونىيەگە سىرەك توپىنى چەكلەش ئارقىلىق بېسىم قىلغان.
سىرەك توپا بولسا 17 خىل خىمىيىۋى ئېلمىنىتنىڭ بىرىكمىسى بولۇپ، تولۇق ئىسمى سىرەك توپا مىتالى ياكى سىرەك توپا ئېلمىنىتى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئاساسلىقى دۆلەت مۇداپىئەسى، مېخانىكا، ئېلىكتىرون، نېفىت، خىمىيىۋى سانائەت، چىنە، توقۇمچىلىق، خۇرۇمچىلىق قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە كەڭ ئىشلىتىلىدۇ. سىرەك توپىنى قوشۇمچە ماتىرىيال سۈپىتىدە ئىنتايىن ئاز مىقداردا پولات ۋە رەڭلىك مېتال مەھسۇلاتلىرىنىڭ خام ماتىرىيالىغا قېتىۋەتكەندە، پولات ماتىرىياللارنىڭ چىدامچانلىقىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، چىرىشتىن ساقلايدۇ. خىتتاينىڭ سىرەك توپا زاپاس مىقدارى دۇنيا ئومومىي مىقدارىنىڭ %37 ئىگەللەيدۇ، خەلقئارادا %90 سىرەك توپا خىتتايدىن ئېكىسپورت قىلىنىدۇ. خىتتايدىن باشقا سىرەك توپا مەنبەسى مول ئامېرىكا، كانادا، ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بولسا ئۆزىدىكىنى قازماي، خىتتايدىن ئەرزان باھادا ئىمپورت قىلىدۇ.
ئامېرىكا ئىمپورت قىلغان سىرەك توپىنىڭ %80 خىتتايدىن كېلىدۇ. يېقىندا بەش بۇرجەكلىك بىنا، ئامېرىكىنىڭ سىرەك توپىدا خىتتايغا بېقىنىش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە تەكلىپ بەردى. ئامېرىكا- ئاۋىستىرالىيە شىركەتلىرى سىرەك توپا پىششىىقلاپ ئىشلەش لاھىيەسى ئىمزالاشتى.
بۇ ھەقتە ئامېرىكا ھىندىئانا بۈۋى مەريەم ئۇنىۋىرسىتېتى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيەسى سابىق مۇتەخەسىسى، سىياسەت دەرسى مۇئاۋىن پىروففىسورى ئېگىن گولىز مۇنداق دېدى:« ئامېرىكا- خىتتاي سودا ئۇرۇشى داۋاملاشسا، خىتتاي ھەقىقەتەن سىرەك توپىنى پىچكا سۈپىتىدە قوللىنىشى ھەتتا ئامېرىكىغا ئېكىسپورت قىلىشنى پۈتۈنلەي چەكلىشى مۇمكىن. بىراق بۇ ئامېرىكىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
خىتتاينىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى سىرەك تۇپراق ساھەسىنى كونتىرول قىلىشى بەكمۇ تەس، خىتتايدا قانۇنسىز كان ئېچىش ۋە ئېكىسپورت قىلىش ئىشلىرى ئەۋج ئالغان. شۇنداقلا ھۆكۈمەت كونتىرولىدىن قۇتۇلۇپ ئامېرىكىغا مال تەمىنلىگۈدەك تىجارەت يوللىمۇ نۇرغۇن. ئۇندىن باشقا، خىتتاينىڭ سىرەك توپا ئېكىسپورتىنىڭ زور بىر قىسمى مەھسۇلات شەكلىدە بولۇپ، خىتتاي سىرەك توپىنى پۈتۈنلەي چەكلىمەكچى بولىدىكەن، گىنىراتور قاتارلىق مىخانىك ماشىنىلارنىمۇ چەكلىشى كېرەك بولىدۇ.
خىتتاينىڭ سىرەك توپا قېزىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسى خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يەتمەيدۇ. خىتتاي ئاساسلىقى تۆۋەن باھاغا تايىنىپ بازار ئىگەللەيدۇ. ئامېرىكا بولسا باشقا مەنبەلەر ئارقىلىقمۇ ئىھتىياجىنى قامدىيالايدۇ، ئامېرىكا ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىغان تەقدىردىمۇ بازارنىڭ ئېلاستىكىلىقى خىتتاينى مەقسىتىگە يەتكۈزمەيدۇ. گەرچە بەش بۇرجەكلىك بىنا خىتتاينىڭ سىرەك توپا ئىستىرادىگىيەسىدىن ئارتۇقچە ئەنسىرەپ كەتكەن بولسىمۇ، ئامېرىكا بۇنى باھانە قىلىپ، ئامېرىكا مىللىي ئىگىلىكىنى قوغداشنى يەنە بىر قەدەم كۈچەيتىشنى تولىمۇ خالايدۇ» دېدى.
سىرەك توپا : rare earth 稀土
ئىگىن گولىز Eugene Gholz
پايدىلىنىش مەنبەلىرى: