خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە 6500 خىتتاي كادىرىنى ئورۇنلاشتۇردى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى چاغان بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە مەدەنىيىتىنى زورلاپ تېڭىش، مەجبۇرىي بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن، پانۇس ۋە خىتتايچە مەسنەۋىلەرنى ئىشكىلىرىگە ئېسىشقا، چوشقا گۆشىدە قىلىنغان تۈگۈرلەرنى يىيىشكە مەجبۇرلىغاندىن باشقا، قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيىسىگە ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە 6500 نەپەر خىتتاينى ئورۇنلاشتۇرغان.
ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدە بىكارلىق يەپ ئېچىپ، خالىغانچە يېتىپ قوپۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ يوشۇرۇن ناماز ئوقۇشىنى نازارەت قىلىپ، ئۇلارنى دىندىن يىراقلاشتۇرۇش، ھاراق – شاراپ ئىچىشكە، ھارام گۆشلەرنى يىيىشكە زورلاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ زۇۋانى بولغان تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل 9 – فېۋرالدىن باشلاپ خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى چاغىنىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، ناھىيەلىرىگە ئورۇنلاشتۇرغان خىتتاي كادىرلىرىنىڭ سانىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپەيتكەن.