ئاپتور ھەققىدە

ئارتۇچ بۇغرا

ئارتۇچ بۇغرا

نەبىجان ئەلا- شەرقىي تۈركىستاننىڭ قاراماي شەھىرىدە 1975-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق مەكتەپلەرنى قاراماي شەھىرىدە تاماملاپ 1993 -يىلى 9-ئايدا ئۈرۈمچىدىكى سودا مەكتەپتە 2يىل كەسپى روس تىلى ئوقۇغان. 2000-يىلى ئۆز ئالدىغا «قارا ئالتۇن كومپيوتېر تەربىيلەش مەركىزى»نى قۇرۇپ كومپىيوتېر، ئىنلگىز تىلى، خىتاي تىلى ، ئۇيغۇر تىلى قاتارلىق سىنىپلارنى تەسس قىلغان. 2002-يىلدىن 2006-يىلغىچە بېيجىڭ خەلقئارالىق سودا ئېنىستوتىدا ئىشتىن سىرىت ئوقۇپ «كارخانا باشقۇرۇش كەسپى »بويىچە دىپلوم ئالغان. ھازىر ھويلام تورىنىڭ مۇخبىرى ، ئارتۇچ بۇغرا شىركىتنىڭ دېرىكتورىدۇر.

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

بىر ئىنكاس

  1. 1

    ablet

    بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن ئوقۇغۇچىلار سەمىگە :
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەركاتۇھ . ئۇلۇغ رەببىمىز ئاللاھ تەئەلانىڭ ئوقۇغىن دېگەن ئايەت كەلىمىسىگە بىنائەن پۈتكۈل ئىش ھەرىكەتلىرىنى، سۈيۈملۈك ئاتا – ئانىسىنى، ئەزىز قېرىنداشلىرىنى، ھەمدە كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئەزىز ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى تاشلاپ، مۇھاجىر بولۇپ ئوقۇش يولىنى تاللىغان سۈيۈملۈك ئەزىز قېرىنداشلىرىم، ھەممىڭىزگە ئالەملەرنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرگەن قۇدرەتلىك زات ئاللاھنىڭ سالامىنى يوللايمەن، ھەممىڭىزلارغا مەندىن ئوتلۇق سالام ۋە ئالىي ئىھتىرام.
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بىز ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، بىزلەرنىڭ ئوقۇشىمىز ئۈچۈن جان دىلى ۋە مال دۇنياسى بىلەن، ئوزىنىڭ بالىلىرىدەك كۆرۈپ خىزمەت قىلىۋاتقان، مۆھتىرەم ئۇستازلارغا ئاللاھنىڭ سالامىنى يوللايمەن ۋە رەھمىتىنى تىلەيمەن ئامىن. ئاللاھ بۇ ئەزىز ئۇستازلىرىمىزنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن، ئامىن.
    سۈيۈملۈك ئوقۇغۇچىلار، ھەممىڭلار بىلگىنىڭلاردەك بىز ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەرەپ – تەرەپلىرىدىن، چەت ئەلدىكى داڭلىق ئىسلام ئوقۇتۇش مەكتەپلىرى بولغان ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە باشقا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەكتەپلەرگە، باشقا مەقسەتتە ئەمەس، ئىلىم ئىرپان ئۈگىنىش، ئىلىم تەھسىل قىلىش ۋە بىلىم ئاشۇرۇپ، بىچارە شەرقىي تۈركىستاندىكى مەزلۇم خەلقىمىزنى، نادانلىق ۋە بىلىمسىزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، ھەم مۇشۇ سەۋەب ئارقىلىق رەببىمىز ئاللاھنىڭ رەھمىتى، بەرىكىتى ۋە مەغپىرىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش ھاياتىنى تاللىغان، ئېسىل كىشىلەرمىز.
    بۇ يىل تۈركىيەنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ %80
    مىسىردىن كەلگەن بولسىمۇ، %20 ۋە ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك ئوقۇغۇچىلار ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان ئۇقۇغۇچىلاردۇر. خوش، ئوقۇغۇچى قېرىنداشلىرىم. سىلەر بىلگەندەك بىز شەرقىي تۈركىستاندىن، ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسىنى دېڭىزنى يېرىپ ئۆتكۈزۈپ بەرگەنگە ئوخشاش، بىزنىمو نەچچە قات بۇلۇتنىڭ ئارىسىدىن، ئۆزىنىڭ ھېكمىتى بىلەن، شۇنچە ھىلىگەر، نىجىس خىتتايلارنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا قالغان شەرقى تۈركىستاندىن، بۇ چەت ئەلگە چىقاردى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەلۋەتتە مىڭ قەتلە شۈكرى قىلىمىز.
    خوش، قېرىنداشلار. نىجىس خىتتايلار، بىز ئۇيغۇرلارنى مۇسۇلمان بولغانلىقىمىز ۋە ئۇيغۇر بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ۋەتىنىمىزدە، دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر مىللەت ۋە بىر خەلق تارتمىغان ئازاپلارنى، قىيىنچىلىقلارنى ۋە زۇلۇملارنى سالدى، ھەتتا ۋەتىنىمىزنى تاشلاپ چەت ئەلگە ئۆزىنىڭ ئىمانىي ۋە مىللىي كىملىكىنى ساقلاش ئۈچۈن چىققان ئۇيغۇرلارغا ئارام بەرمىدى. بۇ دۇنيانىڭ يەئجۇجى مەئجۇجىلىرى 2014 – يىلى تايلانتدا ئۇيغۇرلارغا قولىنى ئۇزارتىپ، قانداق زۇلۇم سالغان بولسا، بۇ يىل يەنى 2017 – يىلى 7 – ئايدا مىسىردا ھېچقانداق بىر جىنايەتكە ئارىلاشمىغان يىگىتلەرنى ۋە خىتتاينىڭ ھېچقانداق بىر قانۇنىغا زىت ئىش قىلماي، قانۇنلۇق ھالدا مىسىرغا چىقىپ ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلارغا نىجىس قوللىرىنى سۇندى. ھەم ناھايىتى چوڭ غەلىبىگە ئېرىشتى. ئالدى – كەينى بولۇپ 100گە يېقىن ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى مىسىر ساقچىلىرىنى ئالدىغا چىقىرىش ئارقىلىق تۇتقۇن قىلدى ھەم نۇرغۇن قېرىنداشلارنى زىيان ۋە تالاپەتكە ئۇچراتتى. ھەتتاكى بەزى ئانىلىرىمىز مىسىردىن يىغلىغان ھالەتتە تۈركىيەگە كەلدى(مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم) خوش قېرىنداشلار، ھەممە ئىشتا رەببىمىزنىڭ ھىكمىتى بار. بۇ ئىشتىمۇ ئاللاھ، ناھايىتى چوڭ ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلدى. سىلەر بىلگىنىڭلاردەك، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش قىيىن بولۇۋاتقان ئەھۋاللاردا ھەم بۇ تۈركىيەدەك سىياسەتكە تولۇپ كەتكەن بىر دۆلەتتە، ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن ئاسانلا كىردۇق ھەم ياخشى ئورۇنلۇشىۋالدۇق. بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئاللاھقا چەكسىز شۈكرى ئېيتىمىز. ئەمدى مەكتەپكە كىرىپ بولدۇق، ھېچ نەرسىدىن غېمىمىز يوق. ياتاققا كىرسەك تاماق تەييار. مەكتەپتىمۇ تاماق بار. قۇرساق تويسا، بىر كۈن خۇشال ئۆتسە بولدى، مۇشۇ ماڭا يېتەرلىك دەپ قالساق، دۇنيادىكى ئەڭ دۆت، ئەڭ ئەقىلسىز ئىنسانلاردىن بولۇپ قالغان بولىمىز. ئاللاھ بىزنى بۇ غەپلەتلىكتىن ساقلىغىن، ئامىن.
    شۇنى بىلىپ قېلىڭلاركى قېرىنداشلار، سىلەر بۇ تۈركىيەدەك تەرەققىي قىلغان، ھەشەمەتلىك شەھەردە بىخارامان ئولتۇرۇۋاتقان، قانغۇچە ئۇخلاپ راھەت سۈرۈۋاتقان بىلەن، بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى ئەزىز ئاتا – ئانىلىرىمىز، بىزلەرنىڭ بەدىلىمىزنى قان يىغلاپ تۆلىدى ھەم تۆلەۋاتىدۇ. بىز ئوقۇغۇچىلار، بۇنىڭ ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرەك؟
    بىز مەكتىۋىمىزدە دەرسىمىزنى ياخشى ئوقۇش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن، ئاتا – ئانا، ئۇرۇق – تۇققانلار ئۈچۈن دۇئا قىلىشىمىز ھەم ئوقۇغان ئوقۇشۇمىزنى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئوقۇشىمىز كېرەك. تۈركلەر بىر سائەت ئوقۇغان بولسا، بىز ئىككى سائەت، تۈركلەر ئۆزى ئۈچۈن ئوقۇغان بولسا، بىز ئۆزىمىز ۋە ۋەتىنىمىز ئۈچۈن ئوقۇشىمىز كېرەك. ئۇيغۇرلاردىكى بىر ئاجىزلىق، نېمە ئىش قىلسۇن يېرىم يولدا تاشلاپ قويىدۇ ۋە ياكى ئوتتۇرا يولدىلا بوشىشىپ كېتىدۇ. بۇ، بىز چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارغا ماس كەلمەس قېرىنداشلار !
    بىز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىكى ئەڭ چوڭ ئاجىزلىق نېمە؟
    بىزنىڭ سۈيۈملۈك ئوقۇغۇچىلىرىمىزدا كۆرۈلۈۋاتقان ئەڭ چوڭ ئاجىزلىق، ۋاقت قارشىنىڭ يوقلىقى. بارلىرىدا بولسا، ئىنتايىن تۆۋەنلىگىدۇر. مەسىلەن: ئەتراپىمىزدا ياشاۋاتقان تۈرك قېرىنداشلارغا قاراپ باقايلى، شۇنچىلىك ئالدىراش ھەم شۇنچىلىك تىرىشچان. ئوقۇغۇچىلار كۆرگەنسىلەر ھەم ھېس قىلغانسىلەر، كوچىدا ياكى بىرەر دوقمۇشلاردا، بىزنىڭ ئۇيغۇرلاردەك يىغىلىشىپ، پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان كىشىلەرنى كۆرمەيسىلەر. بىرسى بىلەن كۆرۈشۈشكە دېيىشكەن بولساق، تۈركلەر دەل ۋاقتىدا كېلىدۇ. بىزلەرچۇ، كۆرۈشمەكچى بولغان ۋاقت توشقاندا ئاندىن ئورنىمىزدىن تۇرىمىز، ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتە دىققەتسىزلىك قىلىمىز. بۇ ئەمدى بىزلەرگە ياراشماس. چۈنكى بىز ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى. كاللاڭلاردا ئېنىق سان بولسۇنكى، سىلەر زىيالى كىشىلەر بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئىنسانلار. بۇ ئەيىبمۇ ئەمدى تاشلىنىپ كەتسۇن!
    بىز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار نېمىلەرنى بەكرەك ئۈگۈنۈشىمىز كېرەك؟
    ‎بۇ سەل چوڭ سوئال بولۇپ قالدى. شۇنداق بولسىمۇ جاۋاب بېرىپ باقاي.
    ‎خوش قېرىنداشلار، ھەممىمىزگە مەلۇم بۇ يىل ئالىي مەكتەپلەرگە كىردۇق. سىلەرنىڭ بۇ يىل ئەڭ ئېھتىياجلىق نەرسەڭلار، تۈرك تىلى ئوقۇشتۇر. ھەر قانداق بىر ئىنسان، قايسى بىر دۆلەتتە ياشىماقچى بولغان بولسا، شۇ دۆلەتنىڭ تىلىنى پىششىق ئۈگۈنۈش، شۇ ئىنسانغا نىسبەتەن بەك مۇھىمدۇر. تۈركچىنى ئۈگۈنۈش بىزگە بەك مۇھىم قېرىنداشلار. چۈنكى بىزلەر، بىرىنچىدىن، تۈركىيەنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتىمىز. بۇ دەرسىلىرىمىز ئۈچۈن مۇھىم بولغان بولسا؛ ئىككىنچىدىن، بۇ مىللەتتىكى قېرىنداشلار بىلەن قېنىمىز بىر، تىلىمىز بىر بولمىغان بىلەن، ئەمما ئەڭ يېقىن شەكىلدە؛
    ‎بۇ يىل تۈمەردە ئوقۇۋاتقان قېرىنداشلار بۇ پۇرسەتنى بەك چىڭ تۇتۇڭلار. سىلەر كەسىپكە چۈشۈپ كەتسەڭلار، دەرس تۈمەردە ئۆتۈلگەندەك ئۆتۈلمەيدۇ. ئۇلار سىلەرگە ھەممە يەرلەرنى چۈشەندۈرۈپ بەرمەيدۇ ھەم بۇنىڭغىمۇ رايى يوق . بۇ ئالىي مەكتەپلەر ئامېرىكا ۋە ياۋروپا سېستىمىسىدىكى شەكىلدە بولۇپ، دەرسلەرنىڭ چۈشەنچىسىنى ئاساس قىلىپ ماڭىدۇ. سىلەر يات بىر ئاتالغۇنى ئاڭلاپ مەنىسىنى ئويلاپ بولغۇچە، ئوقۇتقۇچى غوجاملا يەنە بىرمۇنچە سۆزلەرنى دەپ بولىدۇ. ھەمدە تۈركىيەدە، سىلەر بۇرۇن ئوقۇپ كەلگەندەك كىتابنى ئاساس قىلىپ لۇغەتمۇ – لۇغەت، سۆزمۇ – سۆز ئۆتۈپ ئولتۇرمايدۇ. شۇڭا، تۈمەرنىڭ قەدرىنى قىلىپ، يېڭى سۆزلەرنى تولۇق يادلاپ تېكىستلەرنى ئاز دېگەندىمۇ 10 قېتىم ئوقۇپ مېڭىشىڭلارنى سورايمەن. كونىلىرىمىزدا بىر گەپ بار، «ئىشلىگەن چىشلەيدۇ. جاپا تارتمىغۇچە ھالاۋەت يوق» دەپ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ يىل دەرس ئازكەن دەپ ئولتۇرماي، ئاتا – ئانىمىز ۋە ئۇستازلىرىمىزنىڭ بىزلەر ئۈچۈن تۆلىگەن بەدىلىگە، ئازراق بولسىمۇ ئارتۇق چارچايلى. ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرگە ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىساننىڭ ئەھۋالىنى، خىتتايلارنىڭ بىزلەرگە قىلغان زۇلۇمىنى تونۇتۇشۇڭلارنى سورايمەن. بۇ سىلەرنىڭ، شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىڭلاردۇر. شەرقىي تۈركىستاننى ئىستانبۇل، ئەنقەرە، قەيسىرى ۋە ئانادولۇدىكى تۈركلەر بىراز بىلگەن بىلەن، باشقا شەھەردىكىلەر بىلمەيدىكەن. بۇنى ئاڭلىتىش بىزلەرگە مۇھىمدۇر قېرىنداشلار. مەسىلەن: كاستامانودىكى خەلقتىن ئازراق بىر قىسمى بىلسىمۇ، كۆپ كىشىلىرى بىلمەيدىكەن، ھەتتاكى بەلەدىيە رەئىسىمۇ بىلمەيدىكەن. قېرىنداشلار، بۇنى ئاڭلىتىش بىزلەرنىڭ ۋەزىپىمىز.
    ئىككىنچى ئۈگۈنىدىغان نەرسە، ئىنگلىز تىلى بىلەن ئەرەپ تىلىدۇر. بۇ ئىككى تىلنى پىششىق ئۈگۈنۈش كېرەك. ماقالە يېزىپ مەتبۇئاتلارغا سۇنالىغۇدەك، ھەمدە كىشىلەرنىڭ ئالدىغا چىقىپ ،كىچىك تىپتا بولسىمۇ ئىنگلىزچە لېكسىيە سۆزلىيەلىگۈدەك بولىشىمىز كېرەك. بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئىسلامنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى ئىنگلىز ۋە يەھۇدىلار. بۇلارنىڭ تىلىنى ئۈگۈنۈپلا قالماستىن، ئاجىزلىقىنى تېپىپ چىقىش لازىم. بۇ تىللارنى ئۈگۈنۈش، شەرقىي تۈركىستاننى تونۇتۇشقا پايدىلىق. بىزدە بىر ئىش بار، ئۇيغۇرچىدا سۆزلەڭ دېسە، ئادەمنى يىغلىتىدۇ. ئەمما باشقا تىلدا پەقەت يوق. خوش قېرىنداشلار، بۇ يەردە بىر گەپ ئېسىمگە كېلىپ قالدى. 7 – ئاينىڭ 4 – كۈنى، بىزلەرنى مىسىردا تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى چىقىپ، تۈركىيەگە قېچىش ۋاقتى كەپ قالغاندا، كىم جىددىي پەيتنى جىددىي بىلىپ چىقالىدى؟ مىسىردا بارلاردىنمۇ كىم چىقتى؟ ئۇلار شۇنچىلىك تەلەپ قىلدى، شۇ يەردە بولسىمۇ ۋەتىنىمىزنى تونۇتالمىدۇق. ئاخىرى كىم چىقتى بىلەمسىلەر؟ سۈيۈملۈك ئۇستازىمىز مەھمۇتجان قاراجىم ئۇستاز چىققاندۇ، ئاللاھ بۇ ئۇستازىمىزغا رەھمەت قىلسۇن.
    بىلىپ قويۇڭلار قېرىنداشلار، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى رابىيە قادىر ئانىمىزنىڭ، سىيىت تومتۈرك ئاكىمىزنىڭ، دولقۇن ئەكرەم دوكتۇر ۋە ئولىمالار بىرلەشمىسىدىكى ئۇستازلىرىمىزدىن ھىدايەتۇللا ئۇغۇزغان قاراجىمنىڭ، ئابدۇخالىق دوكتۇر ئاكىمىزنىڭ ۋە باشقا ئۇستازلىرىمىزنىڭ(ئاللاھ بۇلاردىن رازى بولسۇن) ۋەزىپىسى بولماستىن، ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ تونۇيدىغان، ئۇيغۇر دەپ بىلىدىغان ئەر – ئايال، ئوغۇل – قىز، قېرى – ياش بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ۋە مەجبۇرىيتىدۇر. بۇنى ئۇنتۇپ قالساڭلار، ئاتا – ئاناڭلارغا ۋە ۋەتىنىڭلارغا قانداقمۇ يۈز كېلەلەيسىلەي -ھە؟ ۋەتەنسىزلىكنىڭ دەردىنى ھېلىمۇ يەتكۈچە تارتتۇق، ئەمدى بولسىمۇ ھەرىكەتكە كېلىپ ياخشى ئوقۇيلى، شەرقىي تۈركىستانىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئوقۇيلى. سىلەر كىم قېرىنداشلار؟ دەپ بېقىڭلارچۇ ؟ سىلەر بولساڭلا ر ئۇلۇغ تىلشۇناس ئالىم مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئابدۇقادىر داموللام ۋە سابىت داموللاملارنىڭ ئەۋلاتلىرى قېرىنداشلار، بۇنى قەتئىي ئۇنۇتماڭلار. شەرقىي تۈركىساننىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن ھازىر نېمىش قىلالايمىز؟ بۇنى دېمىسەممۇ بىلىسىلەر سىتۇدېنت ياشلار. ۋەتىنىمىز ئۈچۈن بۇرۇنقىدىن بەكرەك تىرىشىشىمىز كېرەك قېرىنداشلار. ئۇنتۇپ قالماڭلاركى، سىلەر بۇ يەرلەردە خاتېرجەم يۈرگەن بىلەن، ئاتا – ئاناڭلار سىلەرنىڭ بەدىلىڭلارنى تۆلەپ، تۈرمىلەدە ياكى تەربىيەلەش ئورۇنلىرىدا. ئۇنداق يەرلەردە بولمىغانلىرىنىڭمۇ، كۆڭلى جايىدا ئەمەس دەككە – دۈككىدە يۈرۈيدۇ. ئۇلارنىڭ كۆڭلى سىلەردە. شۇڭا بىز، باشقا مىللەت بىر كىشىلىك ئوقۇسا، بىز نەچچە يۈز كىشىلىك ئوقۇشىمىز كېرەك، كىچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ تىرىشىشىمىز كىرەك. يەنە بىر گەپ قېرىنداشلار، مەكتەپلىرىڭلاردا ئەخلاققا قاتتىق دىقەت قىلىش بىلەن بىرگە، ياخشى نامىڭلارنى قالدۇرۇپ ماڭغان بولساڭلار. بىزنى قايسى دۆلەت قوبۇل قىلدى؟ قايسى دۆلەت قارشى ئالدى؟ پەقەت تۈركىيە. ئەگەر، تۈركىيەدىمۇ يەنە ئەخلاقىمىز بىلەن ياشىماي، ناچارلىق قىلىپ باشقا يەرلەردە قىلغان ئەسكىلىكنى قىلساق، بۇ يەردە تۇرالمايمىز، ھەمدە قوغلىنىمىز. بىزدەك ۋەتىنى يوق مىللەتكە يەنە كىممۇ دولىتىنى ئېچىپ بېرەر ھە؟… شۇنىڭ ئۈچۈن، كېيىنكىلەرنىڭ يولىنى ئەتمەسلىك ۋە ياخشى نامىمىزنى قالدۇرۇش ئۈچۈن، ئەخلاققا قاتتىق دىققەت قىلساق. ئەخلاقى ياخشى كىشىدىنمۇ ياخشىراق بىر كىشى بولماس. ئىجتىمائىي ئالاقە قىلىشقاندىمۇ ۋە ۋاتساپ توپلىرى ياكى باشقا گۇرۇپلاردا سۆز قىلىشقاندا، ئەخلاققا دىققەت قىلىشقان بولساق. بىزدە بىر سۆز بار «ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ، ئويلاپ سۆزلە» دەيدىغان. يەنە بىر نەرسىنى تەۋسىيە قىلىپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ. ئەگەر، بوش ۋاقتىڭلار بولسا ماتىماتىكا، كومپيۇتېر ۋە باشقا بىزنىڭ شەرقىي تۇركىستاننى ئازات قىلىشقا لازىم بولىدىغان بىلىملەرنىمۇ ئۈگۈنۈپ قويساڭلار. مىسىردا ۋە باشقا يەرلەردە ئىلاھىيەت ئوقۇپ كەلگەن قېرىنداشلار، ئەمگىگىڭلارغا ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن، نەچچە يىلنىڭ ياقى ئوقۇۋاتقان ئوقۇشۇڭلارنى بۇنداقلا تاشلاپ قويمىساڭلار، بۇ سىلەرنى ئەمگىگىڭلارغا ھۆرمەت قىلماسلىققا ئاپىرىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەرەپچە ئوقۇغانلار ئەرەپچىنى، ئاز بولسىمۇ ساز قىلىپ كۈندە بولمىسىمۇ، ئىككى كۈندە بىر قىلىپ كۆرۈپ مېڭىش بىلەن بىرگە، قۇرئان يادلىغان ھافىز، قارىلىرىمىز ئاللاھنىڭ مۇقەددەس كالامىنى تاشلاپ قويماي، تەكرار قىلىپ بولالمىساڭلارمۇ كۈندە بىرەر ئىككى پارىدىن ئوقۇپ ماڭارسىلەر. قېرىنداشلار ئاتا – ئاناڭلارنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىشىڭلار، رەببىڭلارنىڭ يولىدىن ئېزىپ كەتمەسلىگىڭلار ئۈچۈن بولسىمۇ، سەل كۆپ سۆزلەپ قويدۇم. ئاللاھ ھەممىڭلانىڭ زېھنىنى ئېچىۋەتسۇن! تېنىڭلارنى ساغلام، ئىشلىرىڭلارنى ئوچۇق قىلسۇن! ئۇستازلىرىمىزدىنمۇ ئاللاھ رازى بولسۇن! ھەممىمىزنى ئاللاھ ئەڭ قىسقا مۇددەتتە، شەرقىي تۈركىستاندا ئاتا – ئانىلىرىمىز بىلەن جەم بولغىلى نېسىپ قىلسۇن! ھەممىڭلارغا ئالىي نەتىجە تىلەيمەن.

    – كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن : شەيىخىم 2017 – يىلى 11 – ئاينىڭ 13 – كۈنى

    جاۋاب

ئىنكاس يوللاش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى ھويلام تورىغا مەنسۇپ. ھويلام تورى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئۈچۈن يېڭى بىر ماكان ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن تىرىشقۇسى.