خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ھۇجۇمىنى باشلىدى
ئارتۇچ بۇغرا
ئەللاما يىتۈك ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللام شېھىت قىلىنغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرى كۈن تەرتىپكە كەلدى. دۇنيا ئاخباراتىمۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىگە ئاخباراتلاردا كەڭرى ئورۇن بەردى.
مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە كەڭ كۆلەملىك قوزغىلىپ، دۈشمەننى ئېنىق تونىغان ھالدا بىرلىك، باراۋەرلىك شۇئارى ئاستىدا ئاي يۇلتۈزلۇق كۆك بايراقلىرىنى قوللىرىغا ئېلىپ نامايىش مەيدانلىرىدا ھازىر بولدى.
بۇ ئويغۇنۇشلاردىن قاتتىق چۆچىگەن قانخور چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر ۋە بىخەتەرلىك تارماقلىرىغا قاتتىق كايىپ كەتكەن بولۇپ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ خىتتاينىڭ خەلق گېزىتى تارقاتقان خەۋىرىدە قىلغان سۆزىدە، «بۆلگۈنچىلىك ۋە تېرورلۇققا قارشى» كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى شۇنداقلا، ئېنتىرنېت تورىدىكى بارلىق بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
خىتتاي چەت ئەلدە بېقىپ ياتقان بارلىق ئىتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا خەلقنىڭ پىكرىنى بۆلۈش، پىكىر ئىختىلاپىغا سېلىش، ئۆز ئارا خەلق ئۇرۇشى قىلىپ، مۇھاجىرەتتە كۈندىن كۈنگە زورىيىۋاتقان خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى «دۈشمەن» دەپ تونۇش ئىدىيىسىنى باشقا ياققا بۇراش ئۈچۈن، تەشكىلات ئىچىدىن دۈشمەن ئىزدەشكە، تەشكىلاتلار ئارا كاللا سوقۇشتۇرۇش، سىياسىي پائالىيەتچىلەر ئارىسىدا كاللا ئۇرۇشى قىلىش قاتارلىق يۇمشاق تاكتىكىلار بىلەن خەلقنى ئىچكى ئۇرۇشقا مۇپتىلا قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى داۋاملاشتۇرۇشقا شەرت شارائىت ھازىرلاش بىلەن بىرگە، بۇ ئارقىلىق تۈركىيەدىكى غوللۇق يول باشچىلارنى تۈرلۈك سۈيقەستلەر بىلەن خەلقىدىن ئايرىش مەقسىتىگە يەتتى.
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا، بىر تۈركۈم دەۋاغا كويۈنگەن سىياققا كىرىۋېلىپ، دەۋا سېپى ئىچىدە يوشۇرۇنۇپ ياتقان پارازىت قۇرتلارنى مەيدانغا ئېلىپ چىقتى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۆكتىچى سىياقتا كۆرسىتىپ، ئازراق نۇقسان تېپىۋالسىلا مەھكەم ئېسىلىۋېلىپ تىل ھاقارەت قىلىش، سىياسىي ئاكتىپلارنى قارىلاش، توھمەت قىلىش قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن ئۆزىنى كۆرسىتىشكە تىرىشتى. تەشكىلات رەئىسلىرىنى قارىلاشقا، شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئاق قارارىنى پەرقلەندۈرەلمەي تۇرغان خەلقنى قايمۇقتۇرۇشقا تىرىشتى.
بۇلار كىم؟ چەت ئەلدە يىللاردىن بېرى نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ سۆزلىرىنى تورلاردا تارقىتىپ، خەلقنى بىئارام قىلىش بىلەن بىرگە دەۋانىڭ كۈچىنى بۆلۈشكە ئاساس سالىدۇ؟
بۇ ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى ئاغزىنى بۇزۇپ ئادەم تىللايدۇ، يالغان سۆزلەيدۇ، تەكشۈرمەي گەپ تارقىتىدۇ. چەت ئەلدە ياشىغان ئۇزۇن يىللىق ھاياتىغا نەزەر سالساق، ئۇلارنىڭ قويمىچى، ساختىپەز، مىللىتى ئېنىق ئەمەس، دەۋا سېپىگە سۇقۇنۇپ كىرىۋالغانلىقىدەك ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىگى ئاشكارا بولدى.
يەنە بىر ئورتاق ئالاھىدىلىكى قورقاق، لۇلا، ھارامزادە بولۇپ، بەزى قېرىنداشلىرىمىز دېدىكى «ئەسكى بىلەن تەڭ بولمايلى»، «پوققا چالما ئاتساڭ، يۈزۈڭگە چاچرايدۇ»، «ئىت قاۋايدۇ، كارۋان يولىنى داۋام قىلىۋېرىدۇ»… لېكىن بۈگۈنكىدەك شەرقىي تۈركىستاندىكى مەزلۇم خەلقىنى خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى بوزەك قىلىۋاتقان پەيتتە، ئاخىرقى ئۆمرىدە، ھاياتىدا قىلغان ئەتكەنلىرىگە تۆۋە قىلىشقا ئاتلانماي، ئەكسىچە خىتتاينىڭ زۇلۇمىغا ئوت يېقىپ، ئۇلغايتىپ بېرىشىۋاتقان ئېتى ئۇيغۇر بۇنداق ئەسكىلەرگە، پوقلارغا، ئىت مىجەزلىك ئىنسانلارغا ئادەم بولۇشنى ئۆگىتىشمىز كېرەككەن.
بىزدەك دۆلىتى يوق، ساقچى ۋە ئەسكىرى يوق مىللەت ئۈچۈن، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ، بۇلارنى خەلقىمىزگە تونۇتۇپ قويۇشىمىز، بۇلارغا بولسا، ئابدۇقادىر داموللامنى شېھىت قىلغان ئەخمەت مەزىندەك مەلئۇنلارنىڭ، خەلقنىڭ بەد دۇئاسىدا ساراڭ بولۇپ ئۆلگەنلىكىدەك ھەقىقەتنى ئەسلىتىپ قويۇشىمىز كېرەك.
ئۇنداق قىلماي «بوپتۇ» دەپ يول قويساق، پىتنە – پاساتلىرىغا ئورۇن بەرسەك ئۇ ھالدا بۇلارنى يوغانتىپ قويىمىز. بۇلار خەلقىمىزگە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ.
خەلقىمىزنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ خەلقىمىزگە دۈشمەنلىك قىلىۋاتقان بۇنداق مەلئۇنلارنى، خۇددى سارىخاننى كۆرسەك دەسسەپ ئۆلتۈرگەندەك، كۆرگەن يەردە دەسسەپ ئۆلتۈرۈش، تونىمىغانلارغا تونۇتۇپ قويۇش، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىن ئورۇن بەرمەسلىك، سۆزلىرىنى تارقاتماسلىق، سالام قىلىشماسلىق كېرەك. بۇلارمۇ ئۆزى تۇرۇشلۇق جامائەتلىرىنىڭ ئارىسىدا ئاللىبۇرۇن سېسىپ بولغانلاردۇر.
ئەزىز ۋەتەنداشلار، قېرىنداشلار خەلقىمىز ئوت ئىچىدە تۇرۇۋاتقان، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار قولنى – قولغا تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلەيمىز دەۋاتقان مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى بىزنى ئەسكەر ئەۋەتىپ تارمار قىلمايدۇ بەلكى، ئارىمىزغا بۆلگۈنچىلىك ئۇرۇقى چېچىش ئارقىلىق، مۇشۇنداق قورسقىنىڭ تويغىنىنى سىلاپ تۇرۇپ بىلىدىغان، مىللىتى ۋە كىملىكى ئېنىق بولمىغان مەلئۇنلانى مەيدانغا چىقىرىش ئارقىلىق مەقسىدىگە يېتىدۇ. شۇڭا سەگەك بولايلى، ھۇشيار بولايلى ھەر قانداق بولگۈنچى ۋە خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ھەرىكىتىمىزگە توسقۇنلۇق قىلغۇچىلارنى ئېنىق تونۇيلى ۋە زەربە بېرەيلى.
بىز دىنىمىز ئىسلام، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان، مىللىتىمىز ئۇيغۇر، دۈشمىنىمىز خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى دېگەن ئىدىئولوگىيە ئاساسىدا خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتەيلى.
ئاللاھ خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قۇرغان ھەرقانداق ھىيلە – مىكرىنى بەربات قىلىۋەتسۇن، بىزلەرنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرمىلىرىنى پاچاقلاشقا نىسىپ قىلسۇن……