خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدە قالىدىغان «قوشماق تۇققانلار»نىڭ سانىنى كۆپەيتتى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار بىلەن مەجبۇرىي «قوشماق تۇققان» قىلىۋاتقان خىتتايلارنى، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىگە بىردىن ئورۇنلاشتۇرغان بولسا، يېقىنقى كۈنلەردە ھەر بىر ئۆيگە بارىدىغان خىتتايلارنىڭ سانىنى ئاشۇرغانلىقى ئاشكارىلاندى.
ئىگەللەش جەريانىدا، 2018 – يىلى 17 – يانۋار ھويلام تورىدا ئېلان قىلىنغان «قوشماق تۇققاننى ئۆلتۈرەلىدىم» دېگەن مىكرو ھىكايە خىتتايلارغا ۋەھىمە ئېلىپ كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ يېتىۋالغان خىتتايلار ئۆلۈپ كەتسە، كېلىپ چىقىدىغان خىتتاي پۇقرالىرى ئىچىدىكى ۋەھىمىدىن قورققان خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ، بەزى رايونلاردا تاماقتىن، سۇدىن ۋە غايىپ پىچاقلاردىن دىققەت قىلىشىنى ھەمدە ئۇخلىغاندا نۆۋەتلىشىپ ئۇخلىشىنى تاپىلىغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدە يېتىۋاتقان خىتتايلارنىڭ قاتتىق روھى بېسىم ۋە ئەندىشىدە قالغانلىقى، ھەتتا ھاجەتكە چىقسىمۇ ھەمرالىرى بىلەن بىللە چىقىۋاتقانلىقى، بەزى خىتتاي كادىرلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە بېرىش سىياسىي ۋەزىپىگە قارشى چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.