خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا بەد دۇئا
ئارتۇچ بۇغرا
ھەي خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە قىلىۋاتقان زۇلۇملىرىڭدىن كۆرەڭلەپ ھەددىڭدىن ئاشما. «دۇنيادىكى ئىككىنچى ئىقتىسادىي كۈچمەن» دەپ مەيدەڭنى تۇتۇپ غالجىرلاشما.
شەرقىي تۈركىستان خەلقى مۇسۇلمان خەلقتۇر، رەببىمىز ئاللاھدۇر. بىز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمىز ھەم قۇلچىلىق قىلىمىز.
ھەي خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى! سېنىڭ يوقىلىدىغان ۋاقتىڭ كەلدى. شۇڭا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈركۈم – تۈركۈملەپ تۈرمىلەرگە قاماۋاتىسەن، تۈركۈم – تۈركۈملەپ شېھىت قىلىۋاتىسەن.
ھەي شى مانتا، سەن ئۆزەڭنى نەمرۇت چاغلاپ قالدىڭمۇ ياكى پىرئەۋىن ھېس قىلىپ قالدىڭمۇ؟ ھەي شى مانتا سەن ئۆزەڭنى كىم چاغلاپ قېلىۋاتىسەن؟ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مۇشۇنداق ئۆلتۈرۈپ تۈگىتىۋېتىمەن دەپ قالدىڭمۇ؟ ماۋ داداڭغا ئوخشاش قولۇڭنى قانغا بوياپ ئۆلەي دېدىڭمۇ؟ سېنىڭ بارار جايىڭ جەھەننەمدۇر……
ئى ئاللاھىم، سەن مەزلۈملارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغۇچى، مەزلۈم بىلەن سېنىڭ ئوتتۇراڭدا ھېچ پەردە يوقتۇر ئاللاھىم …
ساڭا شۇنداق دۇئا قىلىمىزكى، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى باشلىق بارلىق زالىملارنى ئۆزەڭ ھالاك قىلىۋەتكىنكى، زۈلۈم قىلماقچى بولغانلارغا ئىبرەت بولسۇن. بۇلارنى شۇنداق ھالاك قىلغىنكى، شى مانتىنىڭ يېنىدىكى ئەڭ يېقىنلىرىنىڭ قولى بىلەن ئۆلگىلى نىسىپ قىلغىن. شۇنداق ھالاك قىلغىنكى، سەنشا توسىمىسىنى يېرىپ، سۇ ئاپىتى بىلەن پىرئەۋىننى غەرق قىلغاندەك غەرق قىلىۋەتكىن، شۇنداق يەر تەۋرەش ئاپىتى بەرگىنكى، جۇڭنەنخەينى دۇم كۆمتۈرۈۋەتكىن. شۇنداق ھالاك قىلغىنكى، شى مانتا ئولتۇرغان ئايرۇپىلاننى ئاسماندا ئوتتۇرىدىن ئىككى قىلىۋەتكىن. شۇنداق ھالاك قىلىۋەتكىنكى، شەرقىي تۈركىستاندا سىناق قىلغان ئاتوم بومبىلىرىنى بېيجىڭغا چۈشۈپ پارتىلاپ، سىناقنىڭ تەمىنى شۇلارنىڭ ئۆزىگە بىر تېتىتقىن.
ئى ئاللاھىم! شەرقىي تۈركىستان مۇجاھىتلىرىغا شۇ نىجىس خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىدىن ئۆچىمىزنى ئالىدىغان شۇنداق پۇرسەتنى بەرگىن، خىتتاينىڭ قولىدىكى قوراللىرىنى تارتىۋېلىپ ئېتىپ ئۆلتۈرۈشنى بىزگە نىسىپ قىلغىن، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستانغا قانداق كىرگەن بولسا شۇ ھالەتتە قوغلاپ چىقىرىدىغان پۇرسەتنى بىزگە بەرگىن. شۇنداق ئۆچىمىزنى ئېلىشقا بىزنى مۇيەسسەر قىلغىنكى، ئاشۇرۇۋەتمەي شۇلار قانداق قىينىغان بولسا، قانداق سوراق قىلغان بولسا، شۇنداق سوراق قىلىش پۇرسىتىنى بىزگە بەرگىن ……
شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە پەقەت سەندىن قورقىدىغان، ساڭىلا ئىبادەت قىلدىغان ئىمان بەر، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىدىن قورقمايدىغان، قارشى تۇرالايدىغان، مېلىنى، ئىقتىسادى، جېنىنى بېرەلەيدىغان كۈچلۈك ئىمان، ئەقىل – پاراسەت، ئىلىم – ھېكمەت بەر، ۋاقتىنى قەدىرلەيدىغان، ئۇيۇشالايدىغان، تەشكىللىنىپ ھەرىكەت قىلالايدىغان، مەسئولىيەتچانلىق بىلەن ئىش قىلالايدىغان ئەقىل ئىدراك بەر رەببىم.
شەرقىي تۈركىستاندا تۈرمىلەردە قىينىلىۋاتقان، ئازاب – ئوقۇبەت تارتىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا سەبىر بەر، ئۇلارنىڭمۇ ئىمانىنى قورال قىلىپ، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا ئوق بولۇپ ئېتىلالايدىغان ئىمان، جاسارەت، پۇرسەت بەر يا رەببىم……
ئى ئاللاھىم! ساڭا يېلىنىمىز، سەندىن باشقا ھىچ تايانچىمىز، يۆلەنچىكىمىز، ياردەمچىمىز يوقتۇر، دۇئالىرىمىزنى قوبۇل قىلغىن، ئىجابەت قىلغىن. ساڭا لايىق شەكىلدە قۇلچىلىق قىلالمىدۇق، بىز ئاجىزكەنمىز، ئى ئاللاھىم سەن بىزگە شۇنداق پۇرسەت بەرگىن، بىزنىڭ قىلمىشلىرىمىز تۈپەيلى ھالاك قىلىۋەتمە، شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ زۈلۈمى تۈپەيلى ساڭا قۇلچىلىق قىلىشتىن قورقىدىغان، مەسچىتلەردە ئىبادەت قىلالمايدىغان، جەينامازلىرىنى ئۆيىدە ساقلىيالمايدىغان، قۇرئانلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغان كۈنلەرگە قالدى، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا ئەزانلار ئاڭلانمايدىغان، شەرقىي تۈركىستان خەلقى رامىزان روزىسىنى تۇتالمايدىغان، جۈمە نامىزى ئۆتەلمەيدىغان ھەتتا ھالال يېمەكلىك يېيەلمەيدىغان ھالەتكە كەلدى.
شەرقىي تۈركىستان زېمىنى، بىر سېنىڭ مەرھەمىتىڭ ۋە رەھمىتىڭ بىلەن، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئىمان ئېيتىشى ۋە پۈتۈن خەلقىنى بۇ نىممەتكە تەكلىپ قىلىشى بىلەن 1000 يىلدىن بۇيان سېنىڭ مۇبارەك دىنىڭ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن ئىدۇق.
بۈگۈنگە كەلگەندە، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئىسلام دىنىنىڭ بۇ زېمىندا مەۋجۇتلىقىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ.
ئى ئاللاھىم، سەن بۇ دىننى قىيامەتكىچە قوغداشقا ئۆزەڭ ۋەدە قىلغان. سېنىڭ ۋەدەڭ راستتۇر. ئۇنىڭغا ئىمانىمىز كامىل.
بىز ياشاۋاتقان بۇ دەۋردە، شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىنىڭ دەپسەندە بولۇشىغا، سېنىڭ ئاجىز قۇللىرىڭ بولغان شەرقىي تۈركىستانلىق مەزلۈملارنىڭ زۈلۈم تارتىشىغا بىز شاھىت بولۇشتىن باشقىنى قىلالمىدۇق.
ئى ئاللاھ! شەرقىي تۈركىستاندا ساڭا ئىبادەت قىلىدىغان قۇللىرىڭنى يوق قىلىۋېتىشكە پۇرسەت بەرمىگىن. بىزنى بۇ ئىمتىھانلىرىڭدىن لاياقەتلىك ئۆتۈپ كېتىدىغان قۇللىرىڭدىن قىل، بىزنى بەغەرەزلىكىمىز سەۋەبلىك، ھالاك قىلىۋەتمىگىن. خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھالاكىتىنى تېزلەشتۈرۈپ بەرگىن. ھەر خىل سارستەك ۋابا كېسەللەر بىلەن شى مانتا ۋە شۇ قاتاردىكىلەرنىڭ جېنىنى ئالغىن.
ئى ئاللاھىم، دۇئالىرىمىزنى ئىجابەت قىلىپ بەرگىن. سەندىن باشقا ھېچبىر ياردەمچىمىز يوقتۇر……