خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا نەپرەت ياغدۇرۇش پائالىيىتىگە تەكلىپ
ھۆرمەتلىك مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلار:
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى تۈپەيلى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئومۇمى جەھەتتىن ئۆلتۈرۈلۈشكە يۈزلەنمەكتە. شەرقىي تۈركىستاندىن ھەر كۈنى كېلىۋاتقان مۇسىبەتلىك خەۋەرلەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرەكلىرىنى ئازاپلانماقتا.
يېقىنقى بىرقانچە ھەپتىدىن بۇيان، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا غۇلغۇلا قوزغاۋاتقان ئۆلىمالار ۋە زىيالىلار ھەققىدىكى ھەرخىل يازمىلار ۋە ئاۋازلىق ۋىدىئولار، ۋەتەن غېمىدە يۈرەكلىرى زەرداپقا تولغان ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنى قاتتىق ئېچىندۇردى. كۆپىنچىلىرىمىز «كۆزدىن يىراق كۆڭۈلدىن يىراق » دېگەندەك، ياشاۋاتقان دۆلەتلىرىمىزدە، بىزگە ھېچقانداق سىياسى بېسىم ياكى زۇلۇمنىڭ يوقلىقى، ئەڭ مۇھىمى خىتتاينىڭ تەھدىتى يوق بولغاچقا، دېموكراتىك ئەللەرنىڭ سوسكىسىدا ئوزۇقلىنىپ، خىتتاينىڭ ئورنىغا بىر ـ بىرىمىزگە كېكىرىۋاتىمىز.
ھويلام ئۇنىۋېرسال ئاخبارات تورىمىزنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يوق قىلىش پىلانىنى يۈرگۈزۈۋاتقان، شەرقىي تۈركىستان تۇپرىقىنىڭ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ، ئىسلام دىنىنىڭ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان دۈشمىنى بولغان خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى قەلەم كۈرىشى پائالىيىتى ئېلىپ بارماقچىمىز. مۇھاجىرەتتىكى ھەر قايسى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، قولىغا قەلەم ئېلىپ، خىتتايغا قارشى نەپرىتىنى ياغدۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان زۇلۇمنى يازما ياكى ئاۋازلىق پاش قىلىشقا ئىشتىراك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
پائالىيەت مەزمۇنى:
1 – «مەن ۋە خىتتاي» ياكى «بىز ۋە خىتتاي» ياكى «ئۇيغۇرلار ۋە خىتتايلار» دېگەن ماۋزۇنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئىلمى ماقالە، شىئىر، نەسىر، ھىكايە، پوۋېست …لارنى يېزىپ، كەڭ جامائەت بىلەن ئورتاقلىشپ، ئۆزىنىڭ خىتتايغا بولغان پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرۈش.
2 – يۇقارقى ماۋزۇنى چۆرىدىگەن ئاساستا سۈرەتلىك، ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى تەييارلاش ( نۇتۇق، بايانات، خىتتايغا مۇناسۋەتلىك ئېچىنىشلىق ۋەقەلىكلەر، كەچمىشلەر)، كىرىشتۈرمە فىلىم تەييارلاش.
3 – دىنىي ئەقىدىمىز، مىللىي ئەخلاقىمىز ۋە كىشىلىك ئوبرازىمىزنى قوغدىغان ئاساستا خىتتاينى ئەيىبلەش، تىللاش، رەزىللىكلىرىنى پاش قىلىش. بۇنىڭدا چەكلىمە يوق ( يېزىقچە ـ ئېغىزچە). قېنى، خىتتايغىمۇ مۇشۇنداق ئىشتىياق بىلەن تىل ئۇزۇتۇپ بېقىڭلار. بىز ئەسلى دۈشمەننى ئەسلەپ تۇرايلى.
پائالىيەت ئېلان بېرىلگەن كۈندىن باشلاپ داۋام قىلىدۇ.
ئەسەر ئەۋەتكۈچىلەرگە قەلەم ھەققى بېرەلمەيمىز، ئەمما ئارتۇچ بۇغرا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيەسى» دېگەن كىتاب ھەدىيە قىلىنىدۇ. تاللانغان ئەسەرلەر ھويلام تورىدا ۋە ئۇيغۇر نىداسى رادىئوسىدا ئېلان قىلىنىدۇ.
ئالاقىلاشقۇچى :نەبىجان ئەلا
ئالاقە ۋاتساپ نۇمۇرى:00905358486039
ئېلخەت ئادرىسى: artuqbugra2015@gmail.com
تەشكىللىگۈچى ئورۇن: ھويلام ئۇنىۋېرىسال ئاخبارات تورى.
2 ئىنكاس
ئىزباسار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھويلام تورىنىڭ ئەزىز باشقۇرغۇچىلىرى، مەن سىلەرنىڭ مەقسىدىڭىزلارنى توغرا چۈشەنگەن ئاساستا، يۇقارقى ئۇقتۇرۇشنى مۇۋاپىق تۈزىتىشىڭىزلارنى تەۋىسىيە قىلىمەن. گەرچە بىز بىر ئوچۇم خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇشقا ئۇچۇراۋاتقان بولساقمۇ، بۇ ھەرگىزمۇ بارلىق خىتاي مىللىتىدىكىلەرنىڭ شۇنداق زالىم، رەزىل ئادەم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۇرەلمەيدۇ. بۇنىڭ ئاددىي مىسالى تەيۋەن خەلقى بىلەن شىياڭگاڭ خەلقىنىڭ دېموكىراتىيەنى قوغدايدىغان ھەم شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە ئوخشاش كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىدەك رېئاللىقىدۇر. بىزنىڭ دۈشمىنىمىز ھەرگىزمۇ خىتاي ئەمەس، بەلكى جۇڭگۇ كومپارتىىيسى ئىچىدىكى بىر ئوچۇم رەزىل، دىكتاتور، قالاق ئىدىيەدىكى كىشلەردۇر. بۇنىڭ ئىچىدە باشقا مىللەتلەرمۇ بار. خۇددى بىر قىسىم مۇناپىق ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش. شۇڭا بىز دۇشمىنىمىزنى خاتا تۇنۇپ قالمايلى. بولمىسا كۆزلىگەن مەكسەتكە يىتىشىمىز مۈشكۈل بولىدۇ. رەخمەت.
ئارتۇچ بۇغرا
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام رەھمەت ئىنكاسىڭىزغا بىزنىڭ بۇ يەردە كۆزدە تۇتقىنىمىز بىزنىڭ ۋەتەنگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن شۇ خىتتاي كومىنىستلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ قوللۇغۇچىلىرىنى بىردەك خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى دەپ ئاتايمىز. شۇڭا بۇ يەردەىمۇ كۆزدە تۇتقىنىمىز ھەم شۇ.