ئۇيغۇر نىداىسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
خىتتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى سىياسىي تۈزۈلمىگە كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرلەر مۇنازىرە قوزغىماقتا. يېقىندا، «ئۇلۇغ ئېرا گېزىتى» دە «خىتتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى كەينىدىكى ھاكىممۇتلەق مودېلى» ماۋزۇسىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەر ئانالىزىدا بۇ مەسىلە نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئۇنىڭدا، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ يىل ئاپرېلدا پاكىستان دېڭىز ئارمىيە ئەمەلدارى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئېلان قىلغان بىر باياناتىدا ئۆزىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيەسى» دىكى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن خەۋپسىزلىك تەدبىرلىرىنى ئىشقا سېلىشى مۇمكىنلىكىنى جاكارلىغانلىقى، بۇنىڭ خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىنى سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلارغا مۇناسىۋەتسىز بىر ئاممىۋى تەرەققىيات قۇرۇلۇشى دېگەن، سۆزلىرىگە گۇمان پەيدا قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر، ئانالىزچىلار ۋە خىتتاي مەبلىغىنى قوبۇل قىلىۋاتقان دۆلەتلەر خەلقلىرىنىڭ ھەممىسى خىتتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» قارمىقىدىكى مەبلەغلىرىنىڭ خىتتاي ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان «ئورتاق تەرەققىيات» بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر خىتتاي مەبلىغىنىڭ ئاز تەرەققىي قىلغان ۋە كىچىك ئاسىيا دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىدىكى چىرىك ھاكىمىيەتلەرنى كونترولى ئاستىغا ئېلىپ، چىرىكلىكنىڭ يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇشى ۋە خىتتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىلىرىنى ئىمپورت قىلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كوممۇنىست ھاكىممۇتلەق تۈزۈمىنى ئېكسپورت قىلىشنى نىشان قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئېنىقلا ئاسىيادىكى كىچىك دۆلەتلەرنىڭ تۈزۈلمىسىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
تەيۋەن دۆلەتلىك تەرەققىيات ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى زېڭ جيەنيۈەن گېزىتكە قىلغان سۆزىدە «خىتتاي ھازىر ئۆزىنىڭ كېڭەيمىچىلىكى ۋە تەرەققىياتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. خىتتاي ئاسىيا تىنچ ئوكياندىكى كىچىك ۋە تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرگە قەرز بېرىش ئارقىلىق، قەرزىنى قايتۇرۇش ئىمكانى بولمىغان بۇ دۆلەتلەردىكى مول ئىستراتېگىيەلىك بايلىق مەنبەلىرىنى ئۇزۇن مۇددەت كونترول ئاستىغا ئالماقچى» دېگەن.
مۇتەخەسسىسلەر يەنە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئەتراپىدىكى قوشنا دۆلەتلەر دېموكراتىيەلەشكەن تەقدىردە، ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى پىلانلىرىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىغانلىقتىن، ئۇلارنىمۇ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن كونترول ئاستىغا ئېلىشنى كۆزلەيدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
ئىلگىرى، «خەلقئارا مالىيە فوندى» ئىمف نىڭ باشلىقى كىرىستېن لاگاردى خىتتاينىڭ خەينەن ئۆلكىسىدە ئېچىلغان «بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى» يىغىنىدىمۇ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئۈستىدە مەخسۇس توختىلىپ، كىچىك دۆلەتلەرنى خىتتاي بەرگەن قەرزنى قارىغۇلارچە قوبۇل قىلماسلىقنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. ئۇ، «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ قەرزىنى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئاشۇرۇپ، قەرز بىلەن تۆلەم ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ تاشلايدۇ، دېگەن.