خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ جاسۇسلىرى ۋاتساپ توپلىرىدا روسىيە نومۇرىنى قوللانماقتا
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىن ۋاتساپنى قوللىنىشىنىڭ ئوموملىشىغا ئەگىشىپ، ھەمدە ۋاتساپ توپلارنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ تور ساقچىلىرىنىڭ بۇ ۋاتساپ توپلاردا ئۇچۇر ئىگەللەشتە توپلارغا كىرىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئۆتكەنكى خەۋەرلىرىمىزدە ئاشكارا قىلغان ئىدۇق.
يېقىندا توردا خىزمەت قىلىۋاتقان تور پىدائىيلارنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ تور ساقچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تۇرۇپ، روسىيەنىڭ نومۇرىدا ۋاتساپ ئېلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى مۇناپىقلىق قىلىشقا، داۋادىن يىراق تۇرۇشقا، نامايىش مەيدانلىرىغا بارماسلىققا، ئۆزلىرىگە خىزمەت ئىشلەشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى ئاشكارا بولدى.
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى مۇھاجىرەتتكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىرلىكىنى بۇزدىغان، يالغان ساختا داۋاچىلارنى مەيدانغا چىقىرىدىغان، ئۆسەك سۆز، پىتنە – پاساتلارنى تارقىتىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا باشلىدى . چەت ئەلدىكى دۆلەتلەردە ۋەتەنداشلىق ئېلىپ بولغان ئۇيغۇرلارغىمۇ يەنە باشقىدىن ئۇرۇق – تۇققانلىرى ئارقىلىق ئۇچۇر قىلىپ، ئۇلارغا روھى بېسىم ئىشلىتىپ خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىشىدىن توسىماقچى بولىۋاتىدۇ.
مۇھاجىرەتتىكى كۈزەتچىلەر، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ تور ساقچىلىرى بولسۇن، ۋاتساپلاردا ئۆزلىرىنى قوشۇپ گەپ قىلغاندا ئۇلار بىلەن خەت ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئاۋازلىق ياكى سۈرەتلىك كۆرۈشۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ھەمدە رەسىمىنى تارتىۋېلىپ، تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى ئىستىخبارات ئىدارىسىگە يوللاش، ئۆزىنىڭ ھوقوقىنى قانۇن ئارقىلىق قوغداش، گۆرۇگە ئالغان ئۇرۇق – تۇققانلىرىغا كېلىۋاتقان تەھدىتلەرنى پاش قىلىش ئارقىلىق زەربە بېرىشنى تاللاشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
ۋاتساپ توپلاردىكى خىتتاي جاسۇسلىرى پاش قىلىش ۋاتساپ ئالاقە نومۇرى:00905358486039
ئېلخەت ئادرىسى :artuqbugra2015@gmail.com
ئالاقە ۋاستىلىرى بىلەن ئالاقە قىلسىمۇ بولىدۇ.
روسىيە نومۇرىدىكى خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى قوللانغان، پاش قىلىنغان ۋاتساپ نومۇرلار:
0077785945338
007779653572
0077053886455
0077785945481
بۇ نومۇرلار ۋاتساپ توپلاردا بولسا چىقىرىۋېتىشىڭلارنى، بۇلاردىن قورقۇپ كەتمەي بەلكى تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگىنىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.