خوتەن شەھىرىدە 5000 كىشىلىك قەسەم بېرىش يىغىنى ئېچىلدى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
22 – ماي خوتەن شەھىرىدىكى ئىتتىپاق مەيدانىدا 5000 كىشىلىك «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى تارتىپ چىقىرىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش»كە سەپەرۋەر قىلىش يىغىنى ئېچىلغان.
خوتەن گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، بۇ يىغىنغا خوتەن شەھىرىدىكى ئىشچى – كادىر ۋە خەلق ئاممىسىدىن بولۇپ، 5000 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان ۋە خوتەن ۋالىيسى ئېزىز مۇسانىڭ يېتەكچىلىكىدە «پارتىيىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيىدىن مىننەتدار بولۇش، پارتىيىگە ئەگىشىپ مېڭىپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش» ھەققىدە قەسەم بېرىپ ئىمزا قويغان.
مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىدىكى بۇ «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى تارتىپ چىقىرىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» ناملىق سەپەرۋەر قىلىش يىغىنىنى 22- مايدىن 29-مايغىچە بولغان ئارىلىقتا خوتەندىكى 7 ناھىيە بىر شەھەردە بىردەك ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
خوتەن ۋىلايىتى كادىرلار ئارىسىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى تازىلاش» ھەرىكىتى قاتتىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جايلارنىڭ بىرى بولۇپ، يېقىندا خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم مەخسۇس مۇشۇنداق كادىرلارنى چارلاپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىنى ھەرقايسى يېزىلارغا ئەۋەتكەن، خوتەن بويىچە ھازىرغىچە 600 دىن ئوشۇق كادىر «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغان ئىدى.
ئالدىنقى كۈنى يەنە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تەشۋىقات، ئاخبارات-نەشرىياتچىلىق ساھەسىدىكى 100 نەپەر رەھبىرى كادىر «ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش» بىرلەشمە ۋەدىنامىسى ئېلان قىلغان. كۆزەتكۈچىلەر، شەرقىي تۈركىستاندا چېن چۈەنگو پارتكوم سېكرېتارى بولغاندىن بۇيان ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پارتىيىگە ساداقىتىنى ئىپادىلەش ھەرىكەتلىرىنىڭ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىنىمۇ بېسىپ چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.