خوتەندە رامىزان ھارپىسىدا 22 ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى رامىزان كېلىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزاندىكى ئادەتلىرىگە چەكلىمە قويغان.ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خوتەندە رامىزان ھارپىسىدا 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ مۇقىملىق سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. د ئۇ ق نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ 22 ئۇيغۇر يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە خوتەن شەھىرى، قارىقاش ناھىيىسى ۋە خوتەن-قەشقەر تاشيولىنىڭ خوتەندىن چىقىش ئېغىزلىرىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا تۇتقۇن قىلىنغان.
بىراق د ئۇ ق ئۇچۇرىدا، تۇتقۇنلارنىڭ ئىسمى، جىنسى، يېشى ۋە سالاھىيىتىگە دائىر باشقا تەپسىلاتلار تىلغا ئېلىنمىغان. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ جۈمە كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا بىلدۈرۈشىچە، تۇتقۇنلاردىن 7 كىشى خوتەن ئايرودرومىدا تارقاق ھەجگە ماڭغان دېگەن گۇمان بىلەن تۇتۇپ قېلىنغان. ئىككى كىشى قارىقاش ناھىيىسىدە رامىزاننى تەشۋىق قىلغان دەپ تۇتقۇن قىلىنغان. قالغان كىشىلەر خوتەن-قەشقەر تاش يولىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتىدا ئاختۇرۇلۇپ، يېنىدىن دىنىي كىتابلار چىقىپ قالغانلىقى ئۈچۈن «قانۇنسىز دىنىي ماتېرىيال ساقلىغان» دەپ تۇتقۇن قىلىنغان.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ھەر يىلى رامىزان ھارپىسىدا جايلارغا ھۆججەت چۈشۈرۈپ، مەسچىت ۋە شەخسلەرنىڭ دىنىي پائالىيىتىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ كەلگەن، رېستورانلارنىڭ تىجارىتى، كىملەر روزا تۇتسا بولىدۇ، كىملەر تۇتسا بولمايدىغانلىقىغىمۇ ئارىلىشىپ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى قاتتىق جازالاپ كەلگەن ئىدى. دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خوتەن ئايرودرومىدا تۇتقۇن قىلىنغان 7 كىشىنىڭ ھەممىسىنىڭ يېشى 60 تىن ھالقىغان كىشىلەركەن.
دىلشات رىشىت، خىتاينىڭ ھەريىلى رامزاندا ئۇيغۇرلارنى قاتتىق قامال قىلىپ، ئۇنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە تېخىمۇ قاتتىق بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى بىر ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ خىل تەنقىدلەرنى ئىزچىل رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ «دىنىي رادىكاللىق» قا قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.
28-مايدىكى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان ئۇچۇرىدا خوتەن شەھەرنىڭ مەلۇم يېرىدە يەرلىك خەلقتىن تەشكىللەنگەن ئاتالمىش خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ بىر چوڭ مەسچىت يېنىغا تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرۇپ، قاراۋۇللۇق قىلىۋاتقان كۆرۈنۇش بېرىلگەن .
دېمەك، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى رامىزان مەزگىلدە مەسچىتكە ئىبادەتكە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشتىن باشقا يەنە ئۇلارغا ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىپ خاتىرجەم ئىبادەت قىلىشىغىمۇ توسقۇنلۇق قىلماقتا.