ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق ۋەتەنداشلار:
مىللى مەۋجۇدلىقىمىزنىڭ تاجاۋۇزچى خىتتاي تەرىپىدىن جىددى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىنىۋاتقانلىقى كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان بىر رىئاللىق. ئۇيغۇر مىللى كىملىكىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كېچىنى كۈندۈرگە ئۇلاپ، زېرىكمەي – تېرىكمەي ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ تەر ئاققۇزۇۋاتقان تۆھپىكارلىرىمىزغا ئەگىشىپ مېڭىشنى نىشان قىلغان، ئۇيغۇر نىداسى تاراتقۇسى بىلەن گوللاندىيە دەنخاخ شەھىرىدە تىجارەت قىلىۋاتقان « كانىۋاي رېستۇرانى» بىرلىكتە، گوللاندىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، جەمئىيەتكە يېڭى قەدەم قۇيۇۋاتقان 16-22 ياشلار ئارىسىدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدىنىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىمىزنىڭ جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىنكى ۋەزىپىسى، ئۇلارنىڭ دەۋادىكى ئورنى، ئۇيغۇر دەۋاسىغا قانداق كىرىش ۋە دەۋادا ئوينايدىغان روللىرى ھەققىدە ھەقسىز تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىشنى قارار قىلدى. ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن 2018-يىلى 3- ئاينىڭ 4- كۈنى «كانىۋاي رېستۇرانى»دا تۇنجى قارارلىق تەربىيەلەش كۇرسىمىزنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىدۇ.
ئۆتمۈشىنى بىلمىگەن بىر مىللەت كەلگۈسىنى يارىتالمايدۇ. بىز گوللاندىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىمىزنىڭ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دەۋايىمىزنىڭ ئالدىنقى سەپلىرىدىن ئورۇن ئېلىش ئۈچۈن، ھەر قايسى جەھەتلەردىن ئۆزىنى تاكاممۇللاشتۇرۇشقا تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
دەرس ئۆتۈلۈش ۋاقتى: ھەر ھەپتىنىڭ يەكشەنبە كۈنى، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00 دىن 12:00 گە قەدەر بولىدۇ.
ئورنى: گوللاندىيە دەنخاخ شەھىرى « كانىۋاي رېستۇرانى».
ۋاقتى: 2018 – يىلى 3 – ئاينىڭ 4 – كۈنى.