ئۇن: ئىككى كىلوگرام.
قارىمۇچ: مۇۋاپىق مىقتاردا.
سۇ يېغى: 250 گرام.
تۇز: مۇۋاپىق مىقتاردا.
سۇ: 500 گرام.
تۇخۇم: ئىككى دانە.
گۆش: بىر يېرىم كىلوگرام.
زىرە: ئازراق.
پىياز: 750 گرام.
قوي يېغى: 140 گرام.
===========================
1. گۆش، پىيازنى ئۇششاق توغراپ، ئۇنىڭغا تۇز، سوقۇلغان قارىمۇچ، زىرە، ئازراق سۇ، قوي يېغى ئارىلاشتۇرۇپ قىيما قىلىنىدۇ.
2. ئۇنغا تۇز، تۇخۇم، سۇ يېغى ئارىلاشتۇرۇپ، سۇ قۇيۇپ قاتتىق خېمىر يۇغۇرۇپ، يېرىم سەرلىكتىن زوۋۇلا ئۈزۈپ، نېپىز جىلتە ئېچىپ تەييارلىنىدۇ.
3. جىلتىگە قىيما سېلىپ، ئۈچ بۇرجەك، تۆت بۇرجەك ياكى يېرىم ئاي شەكلىدە سامسا تۈگۈپ، تاۋىدىكى ياغدا ياكى دۇخاپكىدا سامسىدەك پىشۇرۇلىدۇ.