يالپۇز يوپۇرمىقى 250 گرام،
تۇز مۇۋاپىق مىقداردا،
ئاق ئۇن 500 گرام،
ئېرىتمىگەن چاۋا ياغ 105 گرام،
سۇ يېغى 70 گرام،
كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق مىقداردا،
خېمىرتۇرۇچ ئازراق
1. يالپۇزنىڭ يۇمران يوپۇرمىقىنى تاللاپ، پاكىز يۇيۇپ، ئۇششاق توغرىلىدۇ.
2. چاۋا ياغنى ئۇششاق توغراپ، يالپۇز، تۇز، قارىمۇچ كاۋاۋىچىن ئارىلاشتۇرۇپ يالپۇز قىيمىسى تەييارلىنىدۇ.
3. ئۇنغا خېمىرتۇرۇچ سېلىپ خېمىر يۇغۇرۇپ، كىچىك زوۋۇلا ئۈزۈپ، جىلت ئېچىپ، ئىچىگە يالپۇز قىيمىسى ئېلىپ پۆرە تۈگۈپ، تاۋىدا ھەر ئىككى تەرىپىنى سارغايتىپ پىشۇرۇلىدۇ.