ياپچان بولمىغاچ
ئىقبال
ئىستىقلالنىڭ ئىكرانلىرى چېنىپ قالدى،
يىغىلىشلار، سۆھبەت ئۈلپەت جىمىپ قالدى،
ھېيت -ئايەم، بايراملارمۇ تىنىپ قالدى،
ئەسلى سەۋەب سەن يوق خەلق بىلىپ قالدى،
ئۇيغۇر يېتىم قالدى ياپچان سەن بولمىغاچ.
سافاكۆينىڭ كوچىلىرى سوغۇق سەنسىز،
ئىستانبۇلنىڭ ھاۋاسىمۇ قىرتاق تەمسىز،
بىلىنىدۇ بەزەن يوللار گويا تەڭسىز،
قۇرۇپ كەتكەن قاخشال كەبى شەھەر رەڭسىز،
ئۇيغۇر يېتىم قالدى ياپچان سەن بولمىغاچ.
سېغىنغاندا سۈرىتىڭگە تەكرار قاراپ،
ئاۋازىڭنىڭ تىلسىمدىن كۆزلەر قاناپ،
ئىنتىرنىتتىن رازى بولماي سېنى ئويلاپ،
جەينامازدا دۇئا قىلدۇق يىغلاپ يا راب،
ئۇيغۇر يېتىم قالدى ياپچان سەن بولمىغاچ.
قان يۇتماقتا كېچە – كۈندۈز بىزنىڭ مىللەت،
ئاسمان ئىگىز، يەر تاش كەبى بىزگە قىسمەت،
بېسىۋالدى بىزنى ئىللەت – قارا زىللەت،
بىز چارىسىز قالدۇق ياپچان قىلغىن ھىممەت،
ئۇيغۇر يېتىم قالدى ياپچان سەن بولمىغاچ.
تۇيالمىغاچ تارىخ زىلى ئۇرۇلغاندا،
خىتتاي ھاكىم ئىكەن بىزلەر تۇغۇلغاندا،
ئويغىنىپتۇق تاياق ـ توقماق ئۇرۇلغاندا،
ھەق سۆزلىسەڭ چۈشەنمەپتۇق ئويغانغاندا،
ئۇيغۇر يېتىم قالدى ياپچان سەن بولمىغاچ.
ئۆز ۋەتەندە ھۆرلۈك پەيزىنى سۈرەلمەي ،
يا ئاللاھ دەپ ۋەتەن ئۈچۈن بىر ئۆلەلمەي،
ھىجرەتچى بوپ يا خىتتايغا يەڭ تۈرەلمەي،
كېتەرمىزمۇ ۋەتەن فەتھىنى كۆرەلمەي،
ئۇيغۇر يېتىم قالدى ياپچان سەن بولمىغاچ.
ھەددىن ئېشىپ نىجىس خىتتاي قاقاھلاپ،
كەلدى ئۆزىنى ھەقچى بىز دەپ ۋالاقلاپ،
بىزنىڭ ئىدى ۋەتەن باقساق ۋاراقلاپ،
سىياسەتتە ئۇتتى پۇلدا تۇۋاقلاپ …
ئۇيغۇر يېتىم قالدى ياپچان سەن بولمىغاچ.
ۋەتەن دېدى تارىختا نى – نى نەسىللەر،
ئىسسىق قاندا بويالدا سانسىز پەسىللەر،
مازار بولدى ھەتتا سانسىز قەسىرلەر،
ۋەتەن مىراس ئەۋلاد ئۈچۈن ئەسىرلەر،
ئۇيغۇر يېتىم قالدى ياپچان سەن بولمىغاچ.
قالدى ۋەتەن زالىم خىتتاي قولىدا،
ھىجرەت دېدۇق بىز ئاللاھنىڭ يولىدا،
ئۈمىد ئىدىڭ شەرقىي تۈركىستان روھىغا،
قالدىڭ لېكىن ئالتۇن قەپەس ھويلىدا ،
ئۇيغۇر يېتىم قالدى ياپچان سەن بولمىغاچ.
2017-10-18 ئىستانبۇل