ياپچان ھەسرىتى
ئىقبال
ۋەتەن كۈلسە كۈلىسەن، خەلقىڭ كۈلكىسى ھوزۇر.
ساداقەتتىن باشقىسى، ئەمەس يۈزۈڭدىكى نۇر.
ئۈمىد بىلەن ياشىدىڭ، مەدەت ئاللاھ سۆيگۈسى.
ئۈمۈدۈڭنىڭ نۇرىنى، بىر كۈن مىللەت كۆرگۈسى.
سەمىمىيەت تۆكۈلەر، قىلغان ھەر خىتابىڭدا.
ماقامغا يوق مۇھەببەت، ھاياتلىق كىتابىڭدا.
دىنىم دېدىڭ يۈرەكتىن، ئىمان بولدى يار – يۆلەك.
ئىسلامنىڭ شان – شۆھرىتى، سەندىكى ئالى تىلەك.
ۋەتەن دېدىڭ يۈرەكتىن، ئىمان بەرگەن قۇۋۋەتتىن.
ۋەتەن ئىمان دەپ يازدىڭ، قان قۇيۇلغان دۈۋەتتىن.
خەلقىم دېدىڭ چىن سۆيۈپ، ياندىڭ ئوتىدا كۆيۈپ.
كۈلسە كۈلدۈڭ يىغلىسا، پىغاندا ھەر كۈن ئۆلۈپ.
چىن – ساداقەت سۆيگۈدە، داستان يازساق ئاز ساڭا.
خەلق ئەسلەيدۇ ھەر كۈن، مۇھەببەتتە قىپ دۇئا.
سەن خەلقنىڭ قەلبىدە، رەھبەرسەن بىر ئۆمۈرلۈك.
تارىخ سېنى يازىدۇ، قەھرىمان دەپ سۆيۈنۈپ.
سەن باسقان شۇ ئىزلارنى، خەلق بىلدى سەن كېتىپ.
ئەسلەشتى نادامەتتە، سېنىڭ قەدرىڭگە يېتىپ.
مەنزىل قايان، يول قانداق، بىلەركەن باقسا بېسىپ.
سېنىڭ دەردىڭنى بىلدى، مىللەتمۇ دەرتنى تېتىپ.
سەۋر قىل، ھىممەتلىك بول، ساڭا ھەمراھتۇر راھمان.
ئويغانغان ئەۋلادلىرىڭ، سېنىڭ يولۇڭدا ياپچان.