قوينىڭ لوق گۆشى ئىككى كىلوگرام،
سوققان قارىمۇچ مۇۋاپىق،
زەرچىۋە مۇۋاپىق،
سوققان زىرە ئازراق،
ئاق ئۇن 140 گرام،
تۇز مۇۋاپىق مىقداردا،
تۇخۇم تۆت دانە.
1. گۆشنى ئالىقاندىن كىچىكرەك كەڭلىكتە، بارماقتەك قېلىنلىقتا توغرىلىنىدۇ. تۇخۇمنى چېقىپ ئۇنىڭغا زەرچىۋە، قارىمۇچ، زىرە، ئاق ئۇن ئارىلاشتۇرۇپ، توغرالغان گۆشنى چىلاپ قويۇلىدۇ.
2. تونۇرنى قىزىتىپ، داپخاننى ئېتىپ، تۇز سېپىپ ھاۋىسىنى تەڭشەپ، تۇخۇمغا چىلانغان گۆشنى تونۇرغا يېقىپ 20 مىنۇت خۇيلىنىدۇ.
3. پىشقان كاۋاپنى تونۇردىن ئېلىپ، يالپاقلاپ توغراپ تەخسىگە ئېلىپ، ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا تۇزلارنى سېپىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.
لازا بىلەن تۇزنى ئايرىم كەلتۈرسىمۇ بولىدۇ.