كېتەرلىك ماتېرىياللار:
كۆممىقوناق يارمىسى: ئىككى كىلوگرام.
پىياز: بىر باش.
گۆش: 500 گرام.
ياغ: 500 گرام.
سەۋزە: بىر كىلوگرام.
تۇز، زىرە: مۇۋاپىق مىقتاردا سېلىنىدۇ.
ئېتىش ئۇسۇلى:
1. قوناق يارمىسىنى ئىلمان سۇدا پاكىز يۇيۇپ، قىزىق سۇغا چىلاپ 3 – 2 سائەت دۈملەپ يۇمشىتىلىدۇ. سەۋزە، گۆش قوناقتەك توغرىلىنىدۇ.
2. خۇرۇچلارنى «شاد پولو» نىڭكىدەك قىلىپ قورۇپ، زىرە، تۇز سېلىپ، سۇنى كۆپرەك قۇيۇپ، گۈرۈچ ئورنىغا يارما سېلىپ 40 -30 مىنۇت دۈملىنىدۇ. ئاش دۈملەنگەندىن كېيىن ياخشى ئارىلاشتۇرۇپ، لېگەن بىلەن داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.