ياسىنجان مۇھەممەتئىمىن ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىگىدە تۇتقۇن قىلىندى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
رادىئومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇىشىچە، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەيدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، لاگىرلاردىكى ئۇيغۇرلارغا روھى بېسىمنى ئاشۇرۇپ ئاستا خاراكتىردە ئۆلتۈرۈش بىلەن بىرگە، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان خىتتاي پاسپورتىدىكى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئۇچۇرلاردا مەلۇم بولىشىچە، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى دۇبەي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ قولى بىلەن دۇبەيدە ئىقامەت ئېلىپ زاۋۇتلاردا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ياسىنجان مۇھەممەتئىمىننى2017 – يىلى 12 – ئاينىڭ 19 – كۈنى ئىشلەۋاتقان يېرىدىن يەرلىك ساقچىلار ئېلىپ كېتىپ، ئابۇزابىيدىكى تۈرمىگە قامىغان.
ياسىنجاننىڭ تۈركىيەدىكى تۇققانلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، تۈرمە ساقچىلىرى ياسىنجاننى خىتتايغا قايتۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ياسىنجان دۇنيادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار ۋە دۇنيا كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرىدىن، دۇبەي ساقچىلىرىنىڭ ئۆزىنى خىتتايغا قايتۇرۇشتىن توسۇپ قېلىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشىنى جىددى تەلەپ قىلغان.
ياسىنجان خىتتايغا قايتۇرۇلسا ھاياتىغا خەۋپ كېلىشى ئېنىق. شۇڭا دۇنيادىكى ھەر قايسى تەشكىلات ۋە كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرىنىڭ ياسىنجاننى قۇتۇلدۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى سورايمىز.