بۇ نامايىش ۋەتەن ئوتىدا پۇچىلانغان يۈرەكلەرنىڭ ساداسىدۇر!
بۇ نامايىش ۋەتەنگە پىدا ئەزىمەتلەرنىڭ نەرە تارتقان ئاۋازىدۇر!
بۇ نامايىش ۋەتەن ئىشقىدا بۇلبۇللارنىڭ پەريات ئۇرغان خەندانىدۇر!
بۇ نامايىش سۈكۈت كىشەنلىرىنى ئۈزگەنلەرنىڭ تۇنجى رەت غەلىيانىدۇر!
بۇ نامايىش تىرىك يېتىم، مەسۇم مىسكىن ناتىۋانلار نالەسىدۇر!
بۇ نامايىش ئېيتالمىغان دەردىمىزنىڭ مىڭدە بىر دانەسىدۇر!
بۇ نامايىش ھەلقۇمىدىن بۇغۇلغان مىليون ئۇيغۇر نىداسىدۇر!
بۇ نامايىش ۋىجدانغا خىتاپ، ھۆرلۈككە سوراق سوئالىدۇر!
2018 – يىل 27 – ئاپرىل، بىرۇسسىلگە بەش قىتئەدىن كەلگەن مىڭلىغان قېرىنداشلارنىڭ بەھەيۋەت جەم بولۇشىدىن كۆزىمىز ياش، قەلبىمىزدە ھاياجان!
يەتتە ئايلىق بوۋاقتىن تارتىپ 70 ياشلىق بوۋايغىچە ھەر بىر شەرقى تۈركىستانلىقنىڭ قولىدا بىردىن كۆك بايراق، يۈرىكىدە بىر ئارمان!
شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلاپ پېشۋالىرى، زەبەردەست ياشلىرى زالىم خىتتايغا قارشى ياڭراتقان يۈكسەك چوقانلار، جاراڭلىق شوئارلار، تەسىرلىك نۇتۇقلاردىن لەرزىگە كەلگەن يۈرەكلەر ۋە ياشلار!
زالىم خىتتاي بىلىپ قالسۇنكى، مۇستەقىللىق ئىرادىمىز مەڭگۈ ئېگىلمەس – سۇنماس!
پۈتۈن ئالەم، پۈتۈن ياۋرۇپا ئاڭلاپ قالسۇنكى، فاشىستىك لاگىرلارغا سولاپ قويۇلغان بىر مىليون قېرىندىشىمىز، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قانلىق رېجىم ئاستىدا خورلىنىۋاتقان خەلقىمىز ھەرگىز ئۇنتۇلماس!