بۈگۈن 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنى. بۈگۈن مىلادىيە كالىندارى بويىچە يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى. ئۇھسىنغان ھالدا ھالسىز ئۇپۇققا قارىماقتىمەن.
2017 دېگەن سان بىز ئۈچۈن دەھشەتتىن، ئاچچىقتىن، ئازاپتىن دېرەك بەردى، بۇنى ئاچچىق تولغاق ئازابىغا ئوخشىدى دېسەك بولارمىكىن دەپ ئويلايمەن. بىر ئىككى كۈن تولغاق ئازابى يېسەك بالا تۇغۇلىدۇ، بىراق 2017 دىكى بۇ تولغاقنى قانچە يېسەكمۇ بالا تۇغۇلمايدىغان، ئاخىرلاشمايدىغان ئاچچىق تولغاقتەك بىزنى قىينىماقتا. نەپەسلىرىمىز قىسىلدى، جان پىمانىغا يەتتى. قىيناشلاردا ئۆتۈۋاتقانلارنى ئاغرىق دېگەننىڭ نېمىلىكىنى ھېس قىلماس ھالغا كېلىپ قالغاندەك تەسەۋۋۇر قىلىمەن. چۈنكى، مەن ۋەتەن سىرتىدا، ئوتنىڭ تېشىدا كۆيۈپ، ئاغرىق ئازابىنى تېتىپ ياشاۋاتقىنىم ئۈچۈن، ۋەتەندىكى قىرىنداشلىرىمنى شۇنداق ئويلاشقا ھەقلىقمەن دەپ ئويلايمەن. بىز ناتسىستلار يەھۇدىلارنى يوق قىلىش ئۈچۈن قىرغاندىنمۇ بەتتەر بىر قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز. ۋەتىنىمىزدە ئۇرۇش بولمىدى دەيدىغانلاردىن سورىغۇم كېلىدۇ، بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدە ئۇرۇش بولمىغان بولسا شۇنچە كۆپ خىتتاي قوشۇنى ئۇ يەردە نېمە ئىش قىلىدۇ؟ ئاتا – ئانىمىزنى قوغداۋاتامدۇ؟ ئۇرۇش بولمىغان بولسا تەكلىماكاندا ئېتىلىۋاتقان ئاتوم بومبىلارنى قانداق چۈشەندۈرىمىز؟ دۇنيانىڭ ھېچ يېرىدە بولمىغان دەھشەتلىك يوشۇرۇن ئۇرۇش ۋەتىنىمىزدە بولىۋاتىدۇ. ئۇخلاپ ياتقانلارغا، خىتتاينى غوجى ئاكام دەپ غالچىلىقىنى قىلىۋاتقانلارغا يېڭى يىللىق بىر ئېغىز تاتلىق سوۋغام بار، ياخشى ئاڭلاڭلار. بۈگۈن بىز تارتىۋاتقان جان چىقماس، بالا چىقماس تولغاقنى ئەتە سىلەر ھوزۇرى بىلەن تارتىسىلەر، ئاللاھ جەڭگاھتىكى مۇجاھىدقا بەرگەن شۇ ھوزۇر، شۇ خۇشاللىق تۇيغۇسىنى بىزلەرگە نېسىپ قىلسۇن !
خىتتايدىن قورقۇپ تۈگىلىۋاتقانلارغا بىر ئېغىز نەسىھەت. ئىنسان ئاللاھتىن باشقا مەخلۇقتىن قورقۇشنى ئاللاھتىن قورقۇشنىڭ ئۈستىگە قويسا، شۇ قورققىنىدىن ھەرگىز ئايرىمايدۇ، خىتتاينىڭ سايىسى يوتقاندا ياتسىڭىزمۇ سىز بىلەن بىللە تەڭ ياتىدۇ. 2018 بىزنىڭ تولغاق ئازابىدىن قۇتۇلىدىغان، بۇ تولغاققا خاتىمە بېرىدىغان يىلىمىز بولۇشىنى ئاللاھتىن تىلەيمەن، يا جان چىقسۇن، يا بالا چىقسۇن. ئۇزۇنغا سوزۇلغان بۇ تولغاق ھالىمىزدىن كەتكۈزدى، ئۆزىمىزدىن، روھىمىزدىن بىزنى ئايرىمىسۇن.
ھەممىڭلارغا ئاللاھتىن ئامانلىق، ھەقتىن تايماس قەلب، ئاللاھتىن باشقىغا باغلانماس مۇھەببەت تىلەيمەن! ئامىن.