تۆۋەندە جۇڭگونىڭ ھەربىي ساھەدىكى ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلىدۇ. ئەسلىدىكى مەنبەلەرنىڭ ھەربىي مەسىلىلەر قىسمىنى پول دىبب (Paul Dibb) ئەپەندى تەييارلىغان. پول دىبب ئاۋسترالىيە مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىنستىتۇتى ئىستراتېگىيە تەتقىقاتى بۆلۈمىنىڭ پروفېسسورى. ئۇ يەنە ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرېتارى، بىرلەشمە ئاخبارات تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى، ھەمدە مەملىكەتلىك ئاخبارات كومىتېتىنىڭ بىر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئىكەن. پول دىبب بىر ئالىي دەرىجىلىك ئاخبارات ئەمەلدارى ۋە بىر ئاكادېمىك بولۇش سۈپىتى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى 20 يىل تەتقىق قىلغان، ھەمدە «سوۋېت ئىتتىپاقى—تەلتۈكۈس بولمىغان دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» ناملىق بىر كىتابنى يازغان. بۇ كىتاب 1986-، 1987- ۋە 1988-يىلى 3 قېتىم نەشىر قىلىنغان. پول دىبب ئاشۇ كىتابىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە يىقىلىدىغانلىقىنى قىياس قىلغان بولۇپ، ھەممىمىزنىڭ خەۋىرىدە بولغۇدەك، ئۇنىڭ پەرىزى توغرا چىقتى.
جۇڭگونىڭ ئاسىيادا كۈچلۈك ياكى تەسىرى بار دوستلىرى ئاساسەن يوق. گەرچە ئۇ نوپۇسى ئەڭ كۆپ ۋە ئىقتىسادتا دۇنيادا 2-ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىككى تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋەتلىرى كۆپ ئەمەس. جۇڭگو يالغۇز ئىچكى جەھەتتە ئاجىز بولۇپلا قالماي، ئاسىيادىكى تەسىرىگە كەلگەندە ئۇ يەنە ئىنتايىن يالغۇز قالغان بىر دۆلەت. جۇڭگونىڭ ئاسىيادا كۈچلۈك مۇناسىۋىتى بار دۆلىتىدىن پەقەت ئىككىسىلا بار. ئۇلار شىمالىي كورېيە بىلەن پاكىستان. ئەمما جۇڭگو شىمالىي كورېيەنىڭ جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئۇرۇشمايدىغانلىقىغا ئانچە ئىشەنچ قىلالمايدۇ. شۇنداقلا پاكىستان بىر مەغلۇپ بولغان دۆلەت بولۇپ، ئۇمۇ ھىندىستان بىلەن ئۇرۇشۇشقا ئارانلا تۇرىدۇ. ئۇنداق ئۇرۇشمۇ جۇڭگونىڭ مەنپەئىتىگە پايدىلىق ئەمەس.
بۇرۇنقى نەچچە ئەسىر ۋاقىت ئىچىدە ئاسىيادىكى باشقا ئەللەرنىڭ جۇڭگودىن ئەنسىرەپ ۋە ئۇنىڭغا باش ئېگىپ ئۆتكەنلىكى راست. ئەمما ئۇ بىر قەدىمكى دەۋردىكى ئىش بولۇپ، ياۋروپا مۇستەملىكىچىلىرى ئاسىياغا كېلىشتىن بۇرۇن ئاسىيادا جۇڭگو بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان باشقا بىرەر دۆلەت مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. بىراق جۇڭگو ھازىر ئەتراپىنى رىقابەتچىلەر قورشىۋالغان بىر شارائىت ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ ئاساسلىق رىقابەتچىلىرىدىن ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ھىندىستان بار. يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى كۆپلىگەن ئەللەر جۇڭگونىڭ كۆرەڭلىشىدىن ئەنسىرەش ھالىتىگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئامېرىكىغا بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك يېقىنلاشتى. رۇسىيەمۇ جۇڭگونىڭ ئۇزۇن-مۇددەتلىك دوستى بولالمايدىغان بولۇپ، ئۇ ئىككىسىنى ئىتتىپاقداش ئەل ھېسابلاش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.
گېئوپولىتىكىلىق ئەھۋاللار
(1) شەرقىي-شىمالىي ئاسىيادا جۇڭگو ئۈچۈن كورېيە يېرىم ئارىلى بىلەن ئۇرۇشۇش خەۋپى بار بولۇپ، كۈچلۈك ھەربىي كۈچكە ئىگە ياپونمۇ ھازىر جۇڭگونى ئۆزى ئۈچۈن بىر تەھدىت ھېسابلايدۇ. ئامېرىكىنىڭ ياپون ۋە جەنۇبىي كورېيەدە ناھايىتى كۈچلۈك ھەربىي بازىسى بار. جۇڭگونىڭ ياپون بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يېقىندىن بۇيان جىددىيلىشىشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا خاتا ھۆكۈم چىقىرىش، ھەتتا ئۇرۇشۇش خەۋپىمۇ مەۋجۇت. جۇڭگونىڭ ئاسىيادىكى كېڭەيمىچىلىك قىلمىشلىرىغا قارىتا ھازىر ياپون ئۆزىنىڭ دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىلىرىنى كۈچلەندۈرۈشكە باشلىدى. شۇنداقلا ياپون ھازىر ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ۋىيېتنام ۋە فىلىپپىنغا ياردەم قىلىپ، جۇڭگونىڭ جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدىكى بەزى يەرلەرنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ھەرىكەتلىرىگە قارشىلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ.
جۇڭگو ھازىر ھەقىقەتەنمۇ ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ئۈستىدىكى ئىش-ھەرىكەتلىرىنى توسماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئەمما، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا ھازىر جۇڭگونىڭ شەرقىي جۇڭگو دېڭىزىدىكى ئىش-ھەرىكەتلىرىنى پۈتۈنلەي رەت قىلىپ، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ چوڭ دېڭىزلارغا چىقىپ كېتىشىنى پۈتۈنلەي توسۇپ قويالايدۇ. ياپونىيەنىڭ باش مىنىستىرى شىنزو ئابې ياپونىيە ئاساسىي قانۇنىغا يېڭى چۈشەنچە بېرىپ، ياپونغا يېقىن ئىتتىپاقداش بولغان ئامېرىكا ھەربىي ھۇجۇمغا دۇچ كېلىپ قالىدىكەن، ياپونىيە ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە قايتۇرما زەربە ئۇرۇشى ئېلىپ بارسا بولىدىغان بىر ھالەتنى ئىشقا ئاشۇردى. يەنى، جۇڭگونىڭ ھەربىي كۈچ تەھدىتى ياپونىيە ھەربىي كۈچىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەڭ ناچار ئەھۋالدا، ۋە ياپونىيە ئامېرىكىغا ئىشەنچ قىلالمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇ ناھايىتى تېزلا يادرو بومبىسى ئىشلەپ چىقىرالايدىغان بولۇپ، بۇمۇ جۇڭگونىڭ مەنپەئىتىگە پايدىلىق ئەمەس.
(2) مەزكۇر ماقالىنىڭ «ئىقتىساد» قىسمىدا تىلغا ئېلىنغىنىدەك، ھازىر جۇڭگو دۇچ كەلگەن كۆپلىگەن چەكلىمىلەر مەۋجۇت بولۇپ، ئۇ ھازىرقىدەك تەرەققىيات سۈرئىتىنى ھەرگىزمۇ مەڭگۈ ساقلاپ ماڭالمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل ۋاقىت ئىچىدە ئامېرىكا يەنىلا دۇنيادىكى ھۆكۈمران كۈچ بولۇش ئورنىنى ساقلاپ ماڭىدۇ. شۇڭلاشقا «دۇنيا جۇڭگوغا باش ئېگىشكە مەجبۇرى بولىدۇ» دېگەندەك قىياسلارنىڭ ئانچە ئاساسى يوق.
(3) جۇڭگونىڭ ھازىرقى پىلانى شىمالىي كورېيە بىلەن بولغان دوستلۇقنى ساقلاپ، ئامېرىكىنىڭ دوستى بولغان جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەنى ئۆزىگە قوشۇۋالماقچى بولىدىكەن، ئۇنىڭغا قارشى ئۇرۇش قىلىش. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەنۇبىي كورېيەنىڭ ياپونغا بولغان ئۆچمەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، جەنۇبىي كورېيە ئارقىلىق ياپونغا تاقابىل تۇرۇش. ئەمما، ئەگەر جۇڭگو شىمالىي كورېيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكىنى باشقۇرالمايدىكەن، ئۇ ھالدا جەنۇبىي كورېيە يەنىلا ئامېرىكىغا تايىنىپ شىمالىي كورېيەنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرىدۇ.
(4) ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى خەلقئارالىق تەرتىپلەردىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا تاقابىل تۇرۇشتا ھازىر جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى بىر يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى. ئامېرىكا ۋە غەربكە بولغان گۇمانلىرىدا ھازىر ئۇ ئىككى دۆلەت بىرلەشتى. غەرب ئىجاد قىلغان خەلقئارالىق ئۆلچەملەر ۋە ئىش-ھەرىكەت قائىدىلىرىگە ئىشەنمەسلىك جەھەتتە ئۇ ئىككى دۆلەت ئورتاق مەيدان تۇتۇۋاتىدۇ. ئۇلار يېقىندا بۇرۇنقىدىن بەكرەك كېڭەيمىچىلىك قىلىدىغان بولۇپ قالدى. جۇڭگو ھازىر ھەربىي كۈچ تەھدىتىدىن پايدىلىنىپ، سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىدە شەرقىي جۇڭگو دېڭىزىدا ياپونىيەگە، جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدا ۋىيېتنام بىلەن فىلىپپىننىڭ چىشىغا تېگىۋاتىدۇ. كېيىنكى بىر مەزگىل ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئىككى دىكتاتورچى دۆلەت خەلقئارا سىستېمىنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش تەھدىتىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ جەھەتتە رۇسىيەنىڭ جۇڭگو ياردىمىگە ئېھتىياجى بار بولۇپ، جۇڭگونىڭ بولسا رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ۋە باشقا بايلىقلىرىغا ئېھتىياجى بار. ئەمما، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان كۈچ سېلىشتۇرمىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئورتاق چېگرا، ھەمدە ئۇلاردىكى ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت پەرقلىرى بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزۇنغىچە داۋاملىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
(5) شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەللەر 1000 يىلدەك ۋاقىتتىن بۇيان جۇڭگونىڭ تەسىر دائىرىسى ئىچىدە تۇرۇپ كەلدى. ھازىر بولسا ئۇ ئەللەر جۇڭگونىڭ سودا جەھەتتىكى ھەمكارلاشقۇچىلىرىغا ئايلاندى. ۋىيېتنام ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۇلار ئىنگلىزچە «ASEAN, Association of Southeast Asian Nations» دەپ ئاتىلىدىغان «شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى بىرلىكى» نى قۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ساقلانماقچى بولدى. ھازىر ئۇنىڭدا 10 دۆلەت ۋە 650 مىليون نوپۇس بار بولۇپ، ئۇلار تاكى يېقىنغىچە بىر-بىرىنىڭ چىشىغا تېگىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىپ، قارارلارنى ھەممە ئەزا ئەللەرنىڭ ماقۇللىشى بىلەن ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما ئۇلار يېقىندا بارغانسېرى كۆرەڭلەپ كېتىۋاتقان جۇڭگونىڭ ئۇ ياقتىن بۇ ياقتا ئىتتىرىپ يۈرۈش ئەھۋالىغا دۇچ كەلدى. ھەمدە جۇڭگونىڭ بۇ چوڭچىلىقى ASEAN غا ئەزا بىر قىسىم ئەللەرنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
جۇڭگو دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدىن ئېنېرگىيە ۋە باشقا بايلىقلارنى دېڭىز يولى بىلەن ئىمپورت قىلىپ ئېلىپ كېلىشتە چوقۇم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالمىسا بولمايدۇ. ھازىر جۇڭگونىڭ 84 پىرسەنت نېفىت ئىمپورتى مالايسىيا بوغۇزى ۋە جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى يوللىرى ئارقىلىق كىرىدۇ. جۇڭگو GDP سىنىڭ 50 پىرسەنتى ئىمپورت ۋە ئېكسپورت ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان بولۇپ، ئۇ جۇڭگو ئىقتىسادىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەمما خەلقئارا سودا جۇڭگو ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ خەۋپنىمۇ پەيدا قىلىدۇ: ئەگەر ئۇ ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇشۇپ قالىدىكەن، ئامېرىكا جۇڭگونىڭ بارلىق دېڭىز يوللىرىنى توسۇۋېتىدۇ.
جەنۇبىي ئاسىيادا جۇڭگونىڭ ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس بولۇپ، ئۇ ھازىر ھىندىستان ئەتراپىدىكى پاكىستان، بېنگال ۋە سىرىلانكا بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورناتتى. ئەمما، جەنۇبىي ئاسىيادا ھىندىستاننىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنى جۇڭگونىڭكىدىن كۆپ كۈچلۈك بولۇپ، جۇغراپىيە، ئىقتىسادىي يوشۇرۇن كۈچ ۋە قابىلىيەتلىك دۆلەت رەھبەرلىكى جەھەتتە ھىندىستاننىڭ بۇ ئورنى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچىيىپ ماڭىدۇ. ھىندىستان كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشنى ئىستەيدىغان بولۇپ، جۇڭگونى ئۆزىنىڭ ئەڭ كەپسىز رەقىبى ھېسابلايدۇ. ھىندىستان بىر دېموكراتىك دۆلەت بولۇپ، ئۇنىڭ سىياسىي تۈزۈمى جۇڭگونىڭكىدىن ئەۋزەل، ئۇنىڭ نوپۇس ستاتىستىكىسىمۇ جۇڭگونىڭكىدىن كۆپ ياخشى بولۇپ، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى چوڭ پەرقلەر بار. ئۇلار ئوتتۇرىسىدا چېگرا توقۇنۇشىمۇ مەۋجۇت. ئۇلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەتلىرىمۇ بىر-بىرىنىڭكىدىن كۆپ پەرقلىنىدۇ. جۇڭگونىڭ ھەربىي جەھەتتە كۈچىيىشى ھىندىستاننى ئامېرىكا بىلەن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى، ھەمدە ئۇنىڭ ASEAN ئەللىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىمۇ كۈچەيتتى. قىسقىسى، جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا كۈچلۈك دەرىجىدىكى سۈركىلىش ۋە ئىشەنمەسلىك مەۋجۇت.
خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىقى ئۇنىڭ ئاسىيادىكى كۈچلۈك دۆلەت بولالىشى ئۈچۈن تولىمۇ پايدىسىز. ئۇنىڭ يېقىندا يولغا قويغان ئاسىيادىكى كېڭەيمىچىلىكى چۆچۈرىنى خام ساناش ۋە توقۇنۇش پەيدا قىلىش خەۋپىنى پەيدا قىلىدۇ.