ئۆز خەۋىرىمىز: بۈگۈن 17 – مارت شەنبە كۈنى تۈركىيىدىكى ھاكىمىيەت پارتىيىسى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئىستانبۇل كۈچۈكچەكمەجە رايونلۇق پارتىيە ئالىي قۇرۇلتىيى 6 – نۆۋەتلىك يىغىنى ئېلىپ بېرىلدى.
بۇ يىغىنغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ تەرتىپلىشى بىلەن كۆپ ساندا خەلقىمىز قاتنىشىپ، خەلقىمىزنىڭ ساداسىنى يەنە بىر قېتىم ياڭراتتى.
چوڭ يىغىن زالىنىڭ ھەر يېرىدە گۈزەل ئاي يولتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىز لەپىلدىدى.
تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەر ساھەدە مەمنۇن بولغۇدەك دەرىجىدە كۈن تەرتىپكە كېلىپ خەلق ئاممىسى ۋە سىياسىيۇنلارنىڭ ھېسسىداشلىق تۇيغۇسى كۈنسىرى ئېشىۋاتىدۇ. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشىدە ئەلۋەتتە خىتتاي زۇلمىنىڭ چېكىدىن ئاشقانلىقىنىڭ ۋىجدانلارغا ئۇلاشقانلىقى، خەلق ئاممىسى ۋە تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ بىردەك ئاكتىپ تىرىشچانلىقىنىڭ ئۈنۈملۈك تەسىرى بولماقتا.
ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك تۈركىيە بىر چوڭ ئەجەللىك سايلامغا قاراپ كېتىۋاتىدۇ. جۇمھۇر رەئىسلىك ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ سايلام تۈركىيە ۋە ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن ھايات – ماماتلىق مەسىلىگە ئايلىنىۋاتىدۇ. بۇ سايلامغا ئىسلامىي ۋە مىللى پارتىيىلەر جۇمھۇر ئىتتىپاقىي سايىۋىنىدە تەييارلىنىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بۇ ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەم ھەق تەرەپنى يۆلەش مەيدانىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ھەم شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ كەڭ تۈرك خەلقى تەرىپىدىن تونۇلۇپ، قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن ھەر قايسى پارتىيەلەرنىڭ يىغىنلىرىغا تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى، تەرتىپلىشى ۋە تەشكىلات ۋەكىللىرىنىڭ يېتەكلىشىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقى سۈپىتىدە قاتنىشىشنى قارار قىلغان قىلدى.
بۈگۈنكى بۇ يىغىنمۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەرىپىدىن تەرتىپلەندى.
يىغىندا سۆز قىلغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم: ياۋروپا پارلامېنتىنى ئەيىبلەپ، زەيتۇن شېخى ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سۈرئەتتە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، مۇنبىچنىمۇ، فىراتنىڭ شەرقىنىمۇ تېرورچىلاردىن پاكىزلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مەنبە: ئىستىقلال تورى