ئامېرىكا ئۇيغۇر تىلى قاتارلىق تىللارنى تەرجىمە قىلىش ماشىنىسى ياساشقا 14 مىليون دوللار مەبلەغ سالغان
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
ئامېرىكىنىڭ مەملىكەتلىك ئىستىخبارات مۇدىرىيىتىگە قاراشلىق بىر تەتقىقات ئورنى، ئۇيغۇر تىلى قاتارلىق يەرلىك تىللارنى ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىش ماشىنىسى ياساپ چىقىشقا 14 مىليون دوللار پۇل ئاجىرىتىپ، بۇ قۇرۇلۇشنى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا ھۆددىگە بەرگەن.
كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، «تىل ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، تەرجىمە قىلىش، خۇلاسىلەش سىستېمىسى» دەپ ئاتالغان مەزكۇر تەرجىمە ماشىنىسى ئۇيغۇر تىلى قاتارلىق يەرلىك تىللاردىكى «ئۇچۇرلارنى يىغىش، تەرجىمە قىلىش ۋە خۇلاسىلەش » ئىشلىرىنى قىلىدىكەن. 14 مىليون دوللارلىق بۇ تەتقىقات تۈرى ئامېرىكا مەملىكەتلىك ئىستىخبارات مۇدىرىيىتىنىڭ «يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىستىخبارات تەتقىقات قۇرۇلۇشى» تەرىپىدىن ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى سانلىق مەلۇمات پەنلىرى ئىنستىتۇتنىڭ دىرېكتورى كەتلېن مىككېئون باشچىلىقىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا ھۆددىگە بېرىلگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يەرلىك تىللاردىكى ئۇچۇرلارنى يىغىش، تەرجىمە قىلىش، خۇلاسىلەش ماشىنىسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر، ئوتتۇرا ئافرىقىنىڭ خۇئاسا قاتارلىق يەرلىك تىللىرىدىكى يازما ماتېرىياللارنى ۋە شۇنداقلا ۋىدېئو، ئاخبارات خەۋەرلىرىدىكى سۆزلەرنى ئوقۇيدىكەن، ئاندىن سانلىق مەلۇمات ئانالىزچىلىرى ئۇنىڭدىكى بوشلۇقنى تولۇقلاپ، ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تەرجىمە قىلىش ۋە ئۇچۇر مەزمۇنىنىڭ ئىنگلىزچە خۇلاسىسىنى يېزىپ چىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.
ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر تەتقىقات تۈرى خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەكتەپلەردە ئۇيغۇرچىنى چەكلەپ، خىتتايچىنى «دۆلەت تىلى» نامىدا مەجبۇرى ئومۇملاشتۇرۇۋاتقان مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
كۈزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر قۇرۇلۇش تۈرى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك تىل دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.