ئامېرىكىدىكى خىتاي كونسۇلى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
ئامېرىكىنىڭ لوس ئانجېلىس شىتاتىدا تۇرۇشلۇق خىتاي كونسۇلخانىسى 1-ئاۋغۇست كۈنى شۇ يەر ۋاقتى 6لەردە 60ياش ئەتراپىدىكى خىتاي تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلدى.
ۋەقەنى سادىر قىلغۇچى جەمئى 18پاي ئوقنى كونسۇلخانا بىناسىغا قارىتىپ چىقارغان ۋەقەدە كونسۇلخانا خادىملىرى ئىچىدە ئۆلۈش يارىلىنىش بولمىغان بولسىمۇ، كونسۇلخانا بىناسىنى زىيانغا ئۇچراتقان ۋەقە سادىر قىلغۇچى نەق مەيداندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.
ۋەقە سادىر قىلغۇچىنىڭ مەقسىتى ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، كۈزەتچىلەر خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ 1-ئاۋغۇست ئارمىيە قۇرۇلغانلىقى كۈنىگە ئۇدۇللاپ بۇ ۋەقەنى سادىر قىلىشى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمى سەۋەپلىك، بۇنىڭغا قارىتا نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشنىڭ يولى چەتئەللەردىكى كونسۇلخانا ۋە ئەلچىخانىلارغا قارىتا نارازىلىقىنىڭ ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن بىلدۈرۈپ ، ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى ئاشكارلاشقا بۇ خىل ئۇسۇلنى تاللىغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.